2004.09.24

23 – سېنتەبىر نورۋىگىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىتاي تۈرمىسىدە جاپا چېكىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنى تونۇشتۇرغان ئۈچ يېرىم مىنۇتلۇق بىر پروگرام كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر كارخانىچى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئاساسسىز قولغا ئېلىنىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بېرىلدى