2004.09.23
2004 – يىللىق خەلقئارا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە شۇ سەۋەبتىن ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمغا بېرىلدى. ئادەتتە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئارقىدىنلا نوبېل مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مۇكاپاتنى بەرگەن نورۋىگىيىدىكى خەلقئارا رافتو فوندى جەمئىيىتى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىرنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشقا كۈچلۈك چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر جەمئىيەت يەنە، رابىيە قادىرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى، ھەمدە ئۆزىنىڭ خىراجىتى بىلەن كەچلىك سىنىپلارنى ئېچىش ئارقىلىق ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ، رابىيە قادىرنىڭ ئالىيجاناب ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلىتىنى نامايان قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
يىلدا بىر تارقىتىلىدىغان رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى نورۋىگىيىلىك ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور سورولف رافتو (Thorolf Rafto) نى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ -1986يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى. رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق سىدىق ھاجى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ قىزى ئەقىدە-11ئاينىڭ -7 كۈنى نورۋىگىيىنىڭ بېرگېن دۆلەتلىك تىياتىرخانىسىدا رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماقچى. ( پەرىدە)