2004.07.16

لورېنس خانىمنىڭ » خىتاي نېمىشقا سۈرگۈندىكى بۇ ئۇيغۇردىن قورقۇدۇ؟ » دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلدى. ماقالىدىكى باش پېرسوناژ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى يېتەكچىسى مەرھۇم ئەيسا ئالىپ تېكىن ئەپەندىنىڭ ئوغلى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى ئەركىن ئالىپ تېكىن بولدى. مەزكۇر ماقالىدا ئاساسلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۇچۇن سۈرگۈندە ياشاۋاتقان 65ياشلىق ئاددىي بىر كىشىدىن شۇنچىۋالا ئەندىشە قىلىدىغانلىقى، ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىگە دىپلوماتىك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى ئەمەلىي مىساللار بىلەن تەپسىلىي چۈشۈندۇرۇلدى.

سۇزەن لورېنس خانىم ماقالىسىدە، ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭ بۇ يىل -5 ئايدا ئامېرىكىغا قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالاقزادە قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە ئاق سارايغا يالۋۇرۇشتەك ھەرخىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى يازىدۇ. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى، ئالىپ تېكىننىڭ ئامېرىكىدىكى پائالىيىتىنى توساش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىگى ۋە ئاق سارايغا، ئەركىن ئالىپ تېكىن باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ‘ خىتاينى پارچىلاشنى ۋە تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى نىشانلايدۇ’ دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى توساشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمەلىيەتتە ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭ بۇ قېتىم ئامېرىكىغا كېلىشتىكى مەقسىتى پەقەت، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ھېچقانداق سىياسىي تۈس ئالمىغان بىر مەدەنىيەت ۋە سەنئەت كېچىلىكىگە قاتنىشىش ۋە ئامېرىكىدىكى تۈرك جەمئىيەتلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ » شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈنى ۋە كېلىچىگى» دېگەن تېمىدا ئورۇنلاشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىش ئىدى.

بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ توسقۇنلىقىغا قارىماستىن، ئەركىن ئالىپ تېكىنگە ئامېرىكىغا كىرىش ۋىزىسىنى بەرگەندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى ياڭ جيېچى يەنە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رىچارد لۇگارغا 27 پارچە خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيىتىگە قاتناشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى. ياڭ جىيېچى خېتىدە: » مەن سىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشماسلىقىڭىزنى، ھەمدە ۋەكىللىرىڭىزنىمۇ ئەۋەتمەسلىكىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا سىزنىڭ مۇھىم تەسىر دائىرىڭىز بىلەن خىزمەتداشلىرىڭىزنىمۇ بۇ پائالىيەتلەرگە بارماسلىققا دەۋەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن» دەپ يازغان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە يەنە، سۇزەن لورېنس خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رىچارد لۇگارنىڭ ياردەمچىسى كېيس لۇسنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇلارغا ھەقىقەتەن شۇنداق كۆپ قېتىم خەت يازغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭمۇ خىتاي ئەلچىخانىسىغا جاۋاب خەت يوللىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. لۇسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ خىتاي باش ئەلچىسى ياڭ جيېچىغا قايتۇرغان خېتىدە: » باش ئەلچى ياڭنىڭ، رەئىس لۇگارنى ئامېرىكىدىكى بىر پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇشى، ماڭا ھازىرغىچە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 10 بالىنىڭ ئانىسى رابىيە قادىرنى ئەسلەتتى. خىتاي ھەتتا ھازىرغىچە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىلتىماسلىرىغا بىر قېتىممۇ ئىنكاس قايتۇرمىدى. باش ئەلچى ياڭ ئەپەندى، ئەمدىلىكتە سىز رەئىس لۇگارغا بۇ تەكلىپنى سۇنۇپسىز، ئۇنداقتا سىزمۇ رەئىس لۇگارغا رابىيە قادىرنىڭ قاچان قويۇپ بېرىلىدىغىنىنى دەپ بېرەلەمسىز» دەپ يازغان. رەئىس لۇگارنىڭ ياردەمچىسى كېيس لۇس يەنە بۇ خەتنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالارغا ئەۋەتىپ بەرگەن.

سۇزەن لورېنس ماقالىسىدە يەنە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى دىپلوماتىك يوللار بىلەن بۇ پائالىيەتكە كۆپ توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پائالىيەتنىڭ يەنىلا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلگەنلىگىنى، ھەمدە ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭمۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتىۋېلىنغانلىغىنى يازىدۇ.

مەزكۇر ماقالىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقارا تېرورىزىم نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئۇرىنىۋاتقانلىق ۋەزىيىتىگىمۇ ئورۇن بېرىلىپ، گەرچە ئامېرىكا، خىتاي بىلەن تېرورىزىمغا زەربە بېرىشتە ھەمكارلىق ئورناتسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت جورج W بۇش ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنت دىك چەننىي ھەر ئىككىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى » تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش» نى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشقا ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغانلىغى تەكىتلەنگەن.

سۇزەن لورېنس، رەئىس ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭ، ئەزەلدىن زوراۋانلىق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان، تىنچلىق يولى بىلەن مۇستەقىللىقنى ئىزدەيدىغان كىشى ئىكەنلىگىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ رەھبەرلىگىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللى قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيا ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ، «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تىنچلىق، زوراۋانسىز، دېمۇكىراتىك يول بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەش» نى نىشان قىلىدىغانلىغىنى يازىدۇ. ئۇ يەنە، ئەركىن ئالىپ تېكىننىڭ ئامېرىكىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە قىلغان قىممەتلىك سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۇرىدۇ. ئەركىن ئالىپ تېكىن، ئامېرىكا تۇرك جەمئىيەتلىرى ئويۇشمىسىنىڭ -5ئاينىڭ26 -كۈنى ۋاشىنگتوندا ئورۇنلاشتۇرغان مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشىنىڭ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدىنىيىتىنى ساقلاش، قوغداش ئىكەنلىگىنى تەكىتلەپ، » ناۋادا 50يىلنىڭ ئىچىدە، ئۇيغۇرلار ئاسىملاتسىيە بولۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى، ئەدەبىياتى، مەدىنىيىتى ۋە ھەممە نەرسىسىنى يوقاتسا، بۇنداق مۇستەقىللىقنىڭ ماڭا نىمە كېرىگى» دەيدۇ. (پەرىدە)