
تايلاندىن 40 نەپەر قېرىندىشىمىزنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغىنىغا ئۆتكەن ھەپتە نەق بىر يىل بولدى. مەزكۇر قېرىنداشلىرىمىز دۇنيانىڭ ئادالىتىدىن ئۈمىد كۈتكەن ئىدى، مۇھاجىرەتتىكى قېرىنداشلىرى بولغان بىزلەردىن ياردەم كۈتكەن ئىدى. گەرچە پائالىيەتچىلىرىمىز پۈتۈن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ باققان بولسىمۇ، تايلاند ھەق تەرەپتە ئەمەس، پۇل تەرەپتە تۇردى. خىتاي پۈتۈن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋە ب د ت نىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ئۇيغۇرلارغا دۇنيانىڭ ھېچ نەرىدە ئارام بەرمەسلىك مەقسىتىگە يەنە بىر قېتىم يەتتى.
گەرچە بۇ ۋەقە يۈز بەرگىنىگە بىر يىل بولغان بولسىمۇ، ئۇ ۋەقەدىن يۈرىكىمىزدە پەيدا بولغان ئازاب ئۇنتۇلغىنى يوق؛ چۈنكى بۇ ھەقتىكى خەلقئارا مۇنازىرىلەر ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بېسىققان بىلەن، ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى بېسىم، زورۋانلىق ۋە قىيىن-قىستاق ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چوڭىيىدۇ.
خىتاي بۇ تۈر ۋەھشىيلىكلىرى ھەققىدىكى ئىنكاسلارغا جىم تۇرۇۋېلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتۇش ۋە ۋاقىت ئۆتكۈزۈش مېتودى بىلەن، ۋەقەنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
شۇڭا مەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنى تايلانددىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇماسلىققا، خىتايدىن داۋاملىق ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە مەلۇمات تەلەپ قىلىشقا چاقىرىمەن، شۇنداقلا بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقىنى توختاتماي كېلىۋاتقان پائالىيەتچى قېرىنداشلىرىمنى ئالقىشلايمەن ۋە ئۇلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.