بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان مەزكۈر يىغىنغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىغا ئائىت دەلىل – ئىسپاتلارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىن، شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى باش شىتابىدا 11 – ئاينىڭ 3 – كۈنى باشلانغان بولۇپ، 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 11 – كۈنىگىچە بولغان جەرياندا خىتايدىكى تەن جازاسى مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنغان.
د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسىي مەھبۇسلارغا بېرىلىۋاتقان تەن جازاسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ سۇنغاندىن باشقا، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرگە، ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىغا يازما ۋە ئاغزاكى شەكىلدە پاكىتلىق دوكلات بەرگەن.
11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللىرى، د ئۇ ق ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تېما قىلغان ئاساستا شۇنىڭدەك مەزكۈر كومىتېت ئۆزلىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن 30 غا يېقىن سۇئالنى تەييارلاپ، خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىدىن بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
د ئۇ ق نىڭ باياناتچىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.
د ئۇ ق نىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان 3 تۈرلۈك سوئال، ب د ت نىڭ تەن جازاسىغا قارشى كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىدىن ئاساسلىق سورىغان سوئاللىرى قاتارىغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ 3 تۈرلۈك سوئالنىڭ بىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككى پەرزەنتىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىش ۋەقەسى، خوتەنلىك تىجارەتچى مۇتەللىپ ھاجىمنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز قېيىن – قىستاق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىقاۋىدا ھۈسەيىن جېلىلغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىسىگە بىگۇناھ قامالغانلىق ۋەقەسى قاتارلىقلارغا خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنغان .
بۇ سوئاللارغا خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرى جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.
يىغىندىن كېيىن ب د ت، مۇخبىرلار كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن مەتبۇئات يىغىنى ئېچىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بۇ مەتبۇئات يىغىنىدىمۇ ئوخشاشلا خىتاينىڭ تەن جازاسى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.