turmemet-hashim-ashliq-elan-1.jpgئۇيغۇر پائالىيەتچى تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىگە قارشى توكيونىڭ شىبۇيا رايونىدا 48 سائەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلىپ، ۋاراقچىلارنى تارقاتماقتا. 2018-يىلى 31-ماي، توكيو.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە خىتاي تەرىپىدىن سەۋەبسىز تۇتۇلۇپ لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ ئىز دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقان قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن چەتئەللەردە تۇرۇپ قىلالايدىغىنىنىڭ پەقەت زۇلۇمغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش، ئادالەتسىزلىكلەرنى پاش قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا ئەرز قىلىش ۋە ھەر تۈرلۈك نارازىلىق نامايىشلىرى ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «بىر قەدەم، بىر ئاۋاز» نامىدىكى زەنجىرسىمان نامايىشى، ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىكى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايغا قارشى نارازىلىق پائالىيىتىنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن ئىدى.

ياپونىيەدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا 48 سائەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىنىۋاتقان ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قىزىق نۇقتا بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار بۇنى «خىتاي زۇلۇمىنىڭ سۆڭەككە يەتكەنلىكنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ تەرىپلىمەكتە شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تۇرمەمەت ئەپەندىنىڭ بۇ پىداكارلىقىغا مەدەتلەر تىلەشمەكتە. ئاچلىق نامايىشىنى داۋام قىلىۋاتقان تۇرمەمەت ئەپەندىنى بۈگۈن بىز تېلېفوندا زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

تۇرمەمەت ئەپەندى ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە جامائىتىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى سۇنماس ئىرادىسىنى ۋە ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىكىگە بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۇرمەمەت ھاشىم 20 يىللاردىن بېرى ياپونىيەدە ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچى. ئۇ بۇ قېتىمقى ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىنى ئەسلى پىلانى بويىچە رامزان باشلىنىش بىلەن ئۆزى بەرداشلىق بېرەلىگەنگە قەدەر داۋام قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، توكيودىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئاخىرى 48 سائەت سۇ ۋە ئوزۇقسىز ھالدا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئاچلىق ئېلان قىلىش رۇخسىتىگە ئىگە بولغان بولۇپ، 31-ماي كۈنى شۇ يەر ۋاقتى سائەت 10 دىن باشلاپ ئاچلىق ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلىغان.

بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۆتكەن ئايدا ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى «دۇنيا پروگراممىسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن 37 كىشىنىڭ قاماققا ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان رابىيە خانىم يەنە «مېنىڭ ئائىلە ئەزالىرىملا ئەمەس، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار-ناتسىستلار ئۇسلۇبىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالماقتا،» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. نۆۋەتتە رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا ئاچلىق ئېلان قىلىدىغان جاي ۋە ۋاقىت ھەققىدە ئىجازەت كۈتمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغان بۇ پەيتتە تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارغان بۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زۇلۇم چەككە يەتكەندىكى ئاخىرقى بىر تاللاش، زۆرۈر بولغان بىر خىل نامايىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى، دەپ باھا بەردى.

ئىلشات ئەپەندى يەنە زور جاسارەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىغان ئاچلىق ئېلان قىلىشتەك نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ توغرا ئورۇندا، پىلانلىق، كەڭ كۆلەملىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئېلىپ بېرىلغاندا يەنىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن ساغلام ۋە تەييار بولغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكىدەك جىددىي ۋەزىيەتتە قولىدىن كېلىدىغان تىنچ ئۇسۇلدىكى ھەرقانداق ئەھمىيەتلىك نارازىلىق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاچلىق ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تۇرمەمەت ھاشىم ئەپەندى ئۆزىنىڭ يالغۇز بولسىمۇ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈشنى، خىتاينىڭ زۇلۇمى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا بىر ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىمۇ ئۈنۈملۈك كۈرەش يوللىرىنى ئىزدىشىگە بىر مەدەت بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزىگە مەدەت بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى دوستلارغا تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.