erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئېنىقلاندى.

بۇ ئۇچۇر مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئامانلىق باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ۋېنچياڭ تەرىپىدىن دەلىللەندى. فېڭ ۋېنچياڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ بۇ يىل 29‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پروفېسسور ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى خەلقئارا جامائەتكە كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئابدۇقادىر جالالىدىننى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 33 يەردە «يىغىۋېلىش لاگېرى» نىڭ بارلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە

يېقىندا «چەكلەنگەن خەۋەرلەر» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئۇچۇردا «ئۈرۈمچى شەھىرىدە 33 ئورۇندا مۇشۇ خىلدىكى يىغىۋېلىش لاگېرى تەسىس قىلىنغان» دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر سىلىقلاشتۇرۇپ «سىياسىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتىلىۋاتقان ئورۇنلاردا دۆلەت مەمۇرىي خادىملىرىنىڭ، ھۆكۈمەت «چېكىت ئۇرۇپ قويغان» شەخسلەرنىڭ شۇنداقلا دىنىي ئېتىقادقا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش خىزمىتى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.

شۇڭا ئۇلار بۇ ئورۇنلارنى تىلغا ئالغاندا «تەربىيەلەش مەركىزى» دېيىشنىڭ ئورنىغا «يىغىۋېلىش لاگېرى» دېگەن سۆزىنى قوللانغان. بۇ مەلۇماتتا يەنە چېن چۇئەنگو «مىليونغا يېقىن كىشىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، پۈتكۈل شىنجاڭنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇپ بولدى» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدىن ئالاھىدە ئورۇن ئالدى

20-ئاپرېل كۈنى، ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون سوللىۋان دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2017-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ باياناتىدا خىتاي، رۇسىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمەتلىرىنى «ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئەڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان دۆلەتلەر»، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنى ۋە تىل-يېزىق ئەركىنلىكىنى يوقىتىشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» دېگەن نام ئاستىدا ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمەي تۇرۇپ، «تېررورچى» دەپ ئاتالغان كىشىلەرنى خالىغانچە ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب قىلىۋېتىلگەنلىكى، بولۇپمۇ چەتئەللەردىن قايتىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر رايوندىكى باستۇرۇشتا خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تەپسىلاتىدا، ئۇيغۇر رايوندىكى باستۇرۇشتا خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ تەپسىلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يېزىلارغا چۈشۈرۈلگەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش دېسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىتاي دۆلىتىگە قارشى خەۋپلەرنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى جازالاشتەك يەنە بىر مەخپىي ۋەزىپىسىمۇ بار»، دېيىلگەن.

ماقالىدا قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى ئاقجىغانلىق كەنتىگە چۈشكەن بىڭتۇەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئەڭ ئاشقۇن ھالەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا ئاشكارىلىنىشىچە، بىڭتۇەن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاقجىغانلىق كەنتىگە ئورۇنلىشىپ 4 ئايدىن كېيىن، بۇ كەنتنىڭ 100 دىن ئارتۇق ئاھالىسى غايىب بولغان.

ئۇلار تۇتقۇن قىلىنغان ياكى «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇ، مەزكۇر كەنت نوپۇسىنىڭ 5 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە باش ئەلچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ب د ت يىغىنىغا قايتا قاتناشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ب د ت ئىقتىسادى‏-ئىجتىمائىي كېڭىشىنىڭ 16-ئاپرېل كۈنى نيۇ-يوركتا باشلانغان «17‏-نۆۋەتلىك يەرلىك مىللەتلەر يىغىنى» غا قاتنىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يىغىنغا قاتنىشالمىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالاقىدار دائىرىلەر «بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى» نى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، دولقۇن ئەيساغا يىغىنغا كىرىش گۇۋاھنامىسى بېرىشنى رەت قىلغان. بۇ، بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان. لېكىن، 24‏-ئاپرېل كۈنى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئامېرىكا ۋە گېرمانىيە باش ئەلچىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ يىغىنغا قايتىدىن چاقىرتىلغان.

ئۇ 25-ئاپرېل كۈنىدىكى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نى قۇرۇپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى بۇ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا دەرھال تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇرلار بېلگىيەدە «5000 كىشىلىك نامايىش »  پائالىيىتى ئېلىپ باردى

27-ئاپرېل بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەم بۇنىڭغا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە يۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، كانادا، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

27-ئاپرېل كۈنى يەنە، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق 3 دۆلەتتىكى 10 شەھەردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلۈش ئارقىلىق بېلگىيەدىكى بۇ «5000 كىشىلىك نامايىش» دەپ ئاتالغان زور كۆلەمدىكى ئاممىۋى نامايىشقا ئاۋاز قوشۇلدى. بۇ قېتىمقى نامايىش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى نارازىلىق نامايىش پائالىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.