
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى ۋە د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ياپونىيەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى. 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر قانداق ئۆتتى؟ نېمە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەگە بۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇندىن كېيىن نېمە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقچى؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە شەرقىي ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرى رەئىسى توموتادا ئىشىخارا ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا ئۇيغۇرلار تۇنجى ئاممىۋى تەشكىلاتىنى ياپونىيەدە قۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭمۇ ياپونىيەگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىننىڭمۇ 1970-يىلى دۇنيا زىيارىتىگە چىققاندا ياپونىيەگە بېرىپ مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردىمۇ د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ئىزچىل ھالدا ياپونىيەگە زىيارەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەتتا 2012-يىلى د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنى ياپونىيەدە چاقىرغانلىقىنى، د ئۇ ق ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭمۇ كۆپ قېتىم ياپونىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي ئاسىيا ئىنسان ھەقلىرى مۇنبىرى رەئىسى توموتادا ئىشىخارا ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەسىلىسى دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق بىر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، «بىز ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ياپونىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق مەسىلىسى دەپ قارىغاچقا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇردۇق. ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونلارنىڭ خىتاينى تونۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا بىز بۇندىن كېيىنمۇ د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىغا تېخىمۇ كەڭ زېمىن تەييارلاپ بېرىمىز»، دېدى.
د ئۇ ق ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىلا ئاڭلىتىۋاتامدۇ؟ ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ياپونىيە دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىپلا قالماستىن خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىمۇ ئاڭلاتقانلىقىنى، ياپونلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرى ياپونىيەگە ئېلىپ بارغان 10 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا بەزى پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن سىرت مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 10 كۈنلۈك زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.