erkin-asiya-radiosi-yengi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

‏15-مارت كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

15-مارت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» شوئارى ئاستىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان تەقىبلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى زەنجىرسىمان نامايىش ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە، فىنلاندىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق 14 دۆلەت 17 شەھەردە ئوخشاش بىر كۈندە ئېلىپ بېرىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن زور نامايىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق كۆلىمى ئەڭ زور نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.

نيۇ-يوركتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا شەخسەن ئۆزى قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە مۇراجىئەت ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

5-مارت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كەچلىكى» دە سۆز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» نىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىم ھەر زامان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جېيمىس مەكگوۋېرن، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى مەجبۇرىي يوسۇندا خىتايچىلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى يولىدىكى كۈرەشلىرىنى داۋاملىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كاترىنا لەنتوس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يالغۇز ئۇيغۇرلارنىلا ھۇجۇم نىشانى قىلىپ قالماستىن بەلكى يەنە تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ غەرب دۇنياسىدىكى ئەركىن جەمئىيەتلەرگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يالغۇز بىرلا مىللەتنىڭ داۋاسى بولۇشتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەرھۇم ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم لەنتوس ئەپەندىنىڭ پەرزەنتى بولغان كاترىنا خانىم 2015-يىلى رابىيە قادىر خانىمغا «توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى ئۆز قولى بىلەن تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

غۇلجىدىكى «تەربىيەلەش مەركىزى» گە تۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ لاگېرغا سىغماي قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان نىشانلىق تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە قامالغا كىشىلەرنىڭ قىستاڭچىلىقتا قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزا 2-كەنتىدىن «تەربىيەلەش» كە تۇتۇلغانلارنىڭ سانى 254 كىشى بولۇپ، ئۇلاردىن 64 نەپىرى پەقەت بىر ھەپتە ئىچىدە تۇتۇلغانلار ئىكەن.

تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپلۈكىدىن لاگېرلار قىستاڭچىلىقتا قېلىپ دائىرىلەر ئامالسىز بىر قىسىم ياشانغان كىشىلەرنى، ئېغىر ئاياق ئاياللارنى ۋە مېيىپلەرنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتە ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە ئايلانغانلىقىنى، «يېپىق لاگېر» لارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان يەھۇدىي تۇتقۇنلىرىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، ئەردوغاننىڭ «قەلبىنىڭ يېرىمىدا ئۈرۈمچىمۇ بار» دېگەن سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى» نىڭ 11-مارت كۈنى ساكاريا ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ، «قەلبىمنىڭ يېرىمىدا ئۈرۈمچىمۇ بار،» دېگەن.

ئۇ يەنە «ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېزىلىۋاتقان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئەردوغاننىڭ بۇ سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر بۇنى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئىزچىل پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان دېسە، يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار ئەردوغان بۇ سۆزنى 2019-يىلىدىكى سايلامدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن دېگەن، دەپ قارىماقتا.

يوپۇرغىدا 17 ياشلىق ياقۇپجان ناماننىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى ھەپتە يوپۇرغا ساقچىلىرى يەكشەنبەبازار يېزىسىدىكى ھۈنەرۋەن نامان قارىغا ئۇنىڭ «تەربىيەلەش مەركىزى» دە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 17 ياشلىق ئوغلىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

نامان قارى ئوغلىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سوراشقىمۇ ئامالسىز قالغان ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا مېيىتنى يەرلىككە قويغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا ۋەقەنىڭ بۇنىڭدىن 10 كۈن ئاۋۋال يۈز بەرگەنلىكى، ئۆلگۈچىنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يەكشەنبەبازار يېزا 12‏-كەنتتىكى 17 ياشلىق ياقۇپجان نامان ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 15 ياشقا كىرگەن ياقۇپجان دوستلىرى بىلەن تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان ئىكەن. ئەمما دادىسى ئارقىدىن بېرىپ 4-كۈنى ئوغلىنى تۈركىيەدىن قايتۇرۇپ كەلگەن ئىكەن.