rabiye-qadir-yaponiye.jpgد ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 2-ئىيۇن، توكيو.

26 – ماي توكيودىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رابىيە قادىر خانىم شەرىپىگە زىياپەت بەرگەن.

زىياپەت ياپونىيە پارلامېنت بىناسى يېنىدىكى بىر رېستوراندا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، زىياپەتكە ئەللىك نەچچە كىشى قاتناشقان. پائالىيەت سائەت ئون بىردىن سائەت ئىككىگە قەدەر داۋاملاشقان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن «كۇرىتاكې ئاسىيا مۇنبىرى ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن توكيودا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن ئون بىر تەشكىلات بىرلىشىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەن.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ زىياپەت ھەققىدە توختالدى.

دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىياپەتتە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىغا ئېچىنغان ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن.

رابىيە قادىر خانىم يەنە زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان بىر قىسىم سىياسىيون ۋە كارخانىچىلار بىلەن ئايرىم – ئايرىم سۆھبەتلىشىپ نۆۋەتتە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ۋە تۈركىيەدە پاناھلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئۇلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەمدە بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.

زىياپەتكە رابىيە قادىر خانىمغا ھەمراھ بولۇپ بىرلىكتە قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈركمۇ زىياپەتتە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغان.

بۇ قېتىمقى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتىنى تەشكىللىگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ قارىشىچە، ياپونىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن بۇ خىل قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشى، كەلگۈسىدە ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆپ پايدىلىق ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.