turmemet-hashim-liberty-zhurnili.JPGخەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم. 2014-يىلى ماي، ياپونىيە.

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «سانكېي شىنبۇن گېزىتى» نىڭ كەچلىك گېزىتى سۈپىتىدە تارقىتىلىدىغان «يۇكان فۇجى گېزىتى» نىڭ 8-، 9-مايدىكى سانلىرىدا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ يازغان «خىتايلار بەرگەن ساختا ئاپتونومىيە»، «تېررورلۇقنى ۋاسىتە قىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى يوقىتىۋاتقان خىتاي دۆلىتى» ناملىق ئىككى قىسىملىق ماقالىسى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر ماقالىلەر ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

مۇخبىر: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوكتور تۇرمۇھەممەت ئەپەندى، مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ ماقالىلىرىڭىزنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

تۇرمۇھەممەت:رەھمەت سىزگە، ئەرزىمەيدۇ.

مۇخبىر: سىز بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ماقالىڭىزدە ئاساسلىقى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە نېمە مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتىڭىز؟

تۇرمۇھەممەت: ماقالەمنىڭ بىرىنچى قىسمىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئۇيغۇرلار ھازىر بىر مىللەت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىنى يوقاتماقتا» دېگەن سۆزىنى مىسال قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى يازدىم ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ تونۇشتۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى قەدىمىي تارىم ئويمانلىقىدىكى ئاھالىلەر بىلەن مىلادىدىن نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرىلا ئالتاي تاغلىرى ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئەتراپىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن خەلقلەرنىڭ جەنۇبتىكى بوستانلىقلارغا تەدرىجىي كۆچۈشى سەۋەبىدىن ئۆز-ئارا ئارىلىشىپ كېتىش نەتىجىسىدە ھازىرقى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم شۇنداقلا مىلادى 1-ئەسىردە بۇددا دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئىچىگە تارقىلىپ، ئۇلارنىڭ قولى بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلاردا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇددىزم مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى، مۇشۇنداق بىر شانلىق مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، مىلادى 4-ئەسىردىن كېيىن بۇددىزمنى شەرقتىكى خىتاي، كورېيەلەرگە تارقاتقانلىقىنى ۋە شۇ ئارقىلىق ياپونىيەگىمۇ تارقالغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا، جۈملىدىن ياپونىيەدىكى بۇددا دىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئاجايىپ تۆھپە قوشقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادى 5-ئەسىردىلا يېزىق قوللانغانلىقىنى، 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دەپ ئاتالغان بىر يېزىق شۇ زاماندىكى ياۋرو-ئاسىيا كەڭ تارقىلىپ رايونىدا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق بىر مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە ئىلغار بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشتىم. يەنە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى قۇرغان دۆلەت ۋە ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئىزچىل قوغداپ كەلگەنلىكى، تارىختا بىرنەچچە قېتىم يات مىللەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بولسىمۇ، ھېچ تىز پۈكمەي كۈرەش قىلىشنى داۋام قىلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە ياكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى، 20-ئەسىرنىڭ 30-ۋە 40-يىللىرى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇپ چىققان قەيسەر بىر مىللەت ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى يازدىم. مۇشۇنداق بىر مىللەت 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئورنىغا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دېگەن ساختا ئاپتونومىيە بېرىلگەنلىكى، خىتاي مۇشۇ ساختىلىقى بىلەن سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، ھەربىي، دىپلوماتىيەدىن ئىبارەت بارلىق ساھەلەردە سىياسەت ۋە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ۋە ياكى يۇمشاق قىرغىن قىلىپ، ئۇيغۇر زېمىنىنى بۇ دۇنيادىكى بىر دوزاخقا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى پاش قىلدىم.

مۇخبىر: ماقالىڭىزنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، سىز نېمە مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدىڭىز؟

تۇرمۇھەممەت: ماقالەمنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، ئالدى بىلەن بۇ يىل ئاپرېلدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسى دوكلاتىدا خىتاينى ھەر يىلى نەچچە مىڭ كىشىنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئۆلتۈرۈۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئەيىبلىگەنلىكىنى مىسال قىلىپ، ئۇيغۇرىستاندا يىلدا مىڭلىغان كىشى دۆلەت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتىم. خىتاي تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن ئىرقىي تازىلاش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. بۇنداق قىرغىنچىلىق ناھايىتى يوشۇرۇن ۋە ھىيلىگەرلىك بىلەن يولغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ئەڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىنسان بولۇپ ياشاشنىڭ بارلىق ئېھتىماللىقلىرىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئوچۇق ياكى مەخپىي ھالدا مېنى قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدىم. خىتاينىڭ بۇنداق بىر مىللىي ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېلىپ بېرىشىدىكى سەۋەب، دەل خىتاي دۆلىتىنىڭ سىرتقا قارىتىلغان كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتىم. خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەسلىكى، ئۇلار ئۈچۈن زور توسالغۇ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. خىتاينىڭ بۇنداق بىر كېڭەيمىچىلىكى ياپونىيەگىمۇ قارىتىلىپ، ئوكىناۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق ليۇكيۇ تاقىم ئاراللىرى خىتاينىڭ بىۋاسىتە بېسىۋېلىش نىشانى ئىكەنلىكىنى، ياپونلارنىڭ ۋە ئوكىناۋالىقلارنىڭ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر خەتەرلىك نىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئوكىناۋانىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى ليۇكيۇ ئاپتونوم رايونىغا ئايلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ ئۆتتۈم. ئاخىرىدا ماقالەمنى:«ئوكىناۋانىڭ ئۈمىدى ياپونىيەدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى مۇستەقىللىقتە» دەپ مۇشۇنداق بىر جۈملە سۆز بىلەن تاماملىدىم.

مۇخبىر: قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ماقالىڭىز ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

تۇرمۇھەممەت: رەھمەت، سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت.