2015.04.22

tumturk-parlament-azaliri-2.jpg

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقى بويىچە 21-ئاپرېل كۈنى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 4 يىلدىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان، 6-ئاينىڭ 7-كۈنى پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.

تۈركىيەدە 4 يىلدا بىر قېتىم پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 2011-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بەزى سىياسەتچىلەر، بۇ يىلقى سايلامدا پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى بولۇپ كۆرسىتىلمىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بار. بۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تۈركىيە پارلامېنتىدا ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىر ئەپەندىدۇر. بۇ كىشى ھەردائىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن، 2012-يىلى ياپونىيەدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغىمۇ قاتناشقان پېشقەدەم سىياسەتچى. ئۇ، بۇ يىل نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى در. رېشات دوغرۇ ئەپەندى بۇ كىشىمۇ داۋاملىق ھالدا تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز ئېلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن كىشىلەردىن بىرى ئىدى. مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن در. سىنان ئوگان ۋە نەۋزات قورقماز ئەپەندىلەرمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ئىدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ كىشىلەرگە رابىيە خانىمنىڭ شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تەشەككۈرىنى يەتكۈزدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئارقىدىن تۈركىيە پارلامېنتىدا ئەڭ كۆپ پارلامېنت ئەزاسى بار ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى پارلامېنت ئەزالىرىدىن مالىك ئەجدەر ئۆزدەمىر ئەپەندى، خالۇق ئەخمەت گۈمۈش ئەپەندىلەر بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشۈپ، رابىيە خانىمنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەشەككۈرىنى يېتكۈزدى. بۇ ئىككى پارلامېنت ئەزاسىمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان كىشىلەر. بۇلارمۇ خىتاي ئەلچىلىكىنىڭ پارتىيەسىگە قىلغان بېسىمىغا قارىماستىن 2012-يىلى ياپونىيەدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ئىدى. بۇ پارلامېنت ئەزالىرىمۇ سېيىت تۈرمتۈرك ئەپەندىگە، 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ۋەزىپىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ يۇقىرىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرى قىزغىن كەيپىياتتا ئۆتتى.