xitay-saqchi-uyghur-qizi-chong-bazar.jpgخىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خەلقئارالىق چوڭ بازار ئەتراپىدا كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

30-دېكابىر كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى 2013-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ قالدى. بىرنەچچە كۈندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا 2013-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە خۇلاسە خاراكتېرلىك مۇلاھىزە ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-دېكابىر يەكەن ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، يەكەندىكى قانلىق توقۇنۇش «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ ئەيىبلىنىش بىلەن بىللە، 2013-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «تېررورلۇق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى» كۆپەيگەنلىكى تەكىتلىنىپ، يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلاردا قولغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلارنىڭ 500 دىن ئاشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىندى.

ھالبۇكى، باش شتابى گېرمانىيەدە بولغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندى 19-دېكابىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا 2013-يىلى ھەر خىل سىياسىي جىنايەتلەر ئارتىلىپ، قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سانىنىڭ 1000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى.

30-دېكابىر كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلار بەرگەن خەۋەرلىرىدە ئۇلرىك دېليۇسنىڭ بۇ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ، 2013-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلاردا قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەمەلىي ساندىن كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكى تەكىتلەندى.

خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەيىنلىگەن رەئىسى نۇر بەكرى 2014-يىللىق يېڭى يىل ھارپىسىدا قىلغان سۆزىدە «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى مۇھىم نىشانلارنىڭ بىرى» قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە بۇندىن كېيىن، بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ۋە دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرگە قارىتا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، بىخ ھالىتىدىلا بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكى»نى تەكىتلىگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2013-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، ۋەقەدە قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى بىردەك«تېررورچىلار» دەپ ئاتاپ، بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى» دەپ ئاتىدى. مەسىلەن 30-دېكابىر يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرلىرىدە «تېررورچىلاردىن 8 كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بىرى قولغا ئېلىندى» دەپ خەۋەر بەردى. ئەمما ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ياپونىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر مەتبۇئاتلىرى 30-دېكابىر ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەر ھەققىدە بېرىلگەن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ۋە يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ب ب س ئاگېنتلىقى ۋە گېرمانىيە ئاۋازى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۆز خەۋەرلىرىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلارنىڭ سۆزلىرىنى ۋە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىلەرنىڭ بۇ ۋەقەلەر ھەققىدىكى قاراشلىرىنى نەقىل ئېلىپ،«تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پىچاق قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، ھەتتا قولىدا ھېچقانداق قارشىلىق قورالى بولمىغان ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرلارنى تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق، قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن ئوققا تۇتقانلىقى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېنىق چۈشەندۈرۈش بېرىشى كېرەكلىكى» نى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن بەرگەن باياناتلىرىدىمۇ رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار سۆزلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلارلىق تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشى كېرەكلىكى ئىلگىرى سۈردى.

مەسىلەن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى باياناتچىسى 30-دېكابىر كۈنى بەرگەن باياناتىدا، ئەينى بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن 30-دېكابىر يەكەن قانلىق توقۇنۇشى بىلەن ۋە 30-دېكابىر رۇسىيەنىڭ ۋولگاگراد شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە نىسبەتەن ئوخشىمىغان پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى مارىيە ھارف خانىم 30-دېكابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەكەندە يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشنى تىلغا ئېلىپ، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن داۋاملىق ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا ۋە تىنچ يول بىلەن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا يول قويۇشىنى چاقىرىمىز شۇنداقلا ئۆز پۇقرالارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرىمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.» دېگەن.

ھارف خانىم سۆزىدە يەنە: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر خەلقىنى زورلۇق كۈچ ئۇسۇلىنى تاللىماسلىققا، جۇڭگو خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرىدۇ» دەپ خىتاب قىلغان. ھارف خانىم يەنە 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا يەنىلا كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە تۇرماقتا، ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا بۇ ۋەقەنى ‹تېررورلۇق ھۇجۇمى› دەپ بېكىتكىنى يوق» دېگەن ئىبارىلەرنىمۇ ئىشلەتكەن.

ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسى خىتاي تەرەپنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي باياناتچىسى چىن گاڭ 31-دېكابىر كۈنى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەدە يۈز بەرگەن ۋولگاگراد ۋەقەسى بىلەن شۇ كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە «ئىككى خىل ئۆلچەم» تۇتقانلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا 2013-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ھەر قېتىملىق قانلىق ۋەقەلەردە تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تىرىك تۇتۇش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇقلۇق، پىچاق، پالتا قاتارلىق ئىپتىدائىي قوراللار بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتقانلىقى، ھەتتا ساقچىلار ئوققا تۇتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاياللار، بالىلار ھەتتا ئەمدىلا 55 كۈنلۈك بولغان بوۋاقلارنىڭمۇ بارلىقى، بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغانلارنىڭ بولسا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، ھەتتا بالىلىرى ئىكەنلىكىگە ئائىت بەزى تەپسىلاتلار ئاشكارىلانغان ئىدى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان سىياسىي ئانالىزچىلار ئۆز بايانلىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رايوندا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باراۋەرسىز مىللىي سىياسىتىگە نارازى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىنى ۋە رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.