2013.07.10
1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ مەشھۇر يېتەكچىسى ئۆركەش دۆلەت بۈگۈن تەيبېيدىكى بىر پائالىيىتى داۋامىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا 2009-يىلى تەيۋەنگە كېلىش ۋىزىسى بېرىلمىگەنلىك مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ پرېزىدېنت ما يىڭجيۇنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ سۆزىدە «مېنىڭ شۇنى بىلگۈم بار، تەيۋەننى ئىنسان ھەقلىرى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇۋاتىمەن دەپ پەخىرلىنىدىغان ما يىڭجيۇ نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشتا قوش بىسلىق ئۆلچەم قوللىنىدۇ؟!» دەپ سوئال قويغان. «ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئۆركەش دۆلەت يۇقىرىقى سۆزلىرىنى ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭ بىلەن تەيبيدە ئۇچرىشىپ مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلغان چېغىدا ئوتتۇرىغا قويغان.
چېڭ گۇاڭچېڭ 16-ئىيۇندىن باشلاپ تەيۋەننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، چېڭ گۇاڭچېڭنىڭ تەيۋەنگە كىرىشىگە يول قويغان تەيۋەن دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى رەت قىلغان.