ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى

 
  • خەۋەرلەر
  • دوكىلات ۋە ماقالىلەر
  • جازا لاگېرلىرى
  • مېدىيا
  • ئىنسان ھەقلىرى
  • تارىخ
  • رابىيە ئانا كۈتۈپخانىسى
  • خەۋەرلەر
  • دوكىلات ۋە ماقالىلەر
  • جازا لاگېرلىرى
  • مېدىيا
  • ئىنسان ھەقلىرى
  • تارىخ
  • رابىيە ئانا كۈتۈپخانىسى
 
https://www.youtube.com/watch?v=hp3Zcclv3Zs
 
  • سۆھبەت: شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىدىن- شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشىگە نەزەر

  • «رابىيە قادىر سودا سارىيى» نىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

  • ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكا بىئولوگىيىلىك دورا شىركىتىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى بىلەن كىلىنكىلىق سىناقتا ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

  • ئۇيغۇر ھوقۇق تەشكىلاتى: خىتاي ھۆكۈمىتى 16000 دىن ئارتۇق مەسچىتنى ۋەيران قىلىۋەتتى

  • شىۋىتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى خىتاينىڭ تەشۋىقاتلىرىغا رەددىيە قايتۇردى

  • «ماسكا ئارقىسىدىكى» ھۆججەتلىك فىلىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھايات قېلىش كۈرىشىنى ئاشكارىلىدى

  • يېقىندا يۈز بەرگەن نامايىشتىن كېيىن خىتاي شىركىتى تېمۇ فلورىدا ۋە خىتايدا كۈچلۈك بېسىملارغا دۇچ كەلگەن

  • «قاناس چېگرا ساقچىخانىسى: خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەت تەرەققىياتىغا كۆلەڭگە چۈشۈرگەن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى»

  • تۇرپاننىڭ جەنۇبىدىن 159 كىلومېتىر يىراقلىقتا 3.4 بال يەر تەۋرىگەن

  • شەرقىي تۈركىستاندا 2500 يىلدىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تاش ئويمىلاربايقالغان

 
 

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوساكادا 26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

By Uyghur3 / ئاپرېل 5, 2025

 
2013.06.26 https://www.uyghurmovement.com/ug/wp-content/uploads/2025/04/u0626-qutluq.mp3

rabiye-osaka-shawguen-bayanat.JPGئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلماقتا. 2013-يىلى 26-ئىيۇن، ئوساكا.
osaka-shawguen-bayanat.JPG

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلماقتا. 2013-يىلى 26-ئىيۇن، ئوساكا.

بىر قانچە كۈندىن بۇيان ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى بۈگۈن يەنى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئوساكادىكى ئېلوساكا سارىيىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى تىياتىرخانىدا 26-ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى شاۋگۇەن ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا چاقىردى.

ئوساكادا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئوساكادىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانسايدىكى شۆبىسى، ياپونلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ جەمئىي بەش يۈزگە يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا شاۋگۇەن ۋەقەسىگە ئائىت فىلىم كۆرسىتىلدى.

يىغىن شەرقىي تۈركىستان ۋە ياپونىيەنىڭ دۆلەت مارشىنى ئورۇنلاش بىلەن باشلاندى.

يىغىن ئەھلى شاۋگۇەندە ئۆلۈپ كەتكەن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ماتەم بىلدۈرۈپ، بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شاۋگۇەن ۋەقەسى ئۈستىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتتى.

يىغىندا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بۈگۈنكى يىغىن ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ ئۆتتى.

ياپونىيەدىكى خىتاي ئوبزورچىسى ۋە يازغۇچىسى شى پىڭ يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شى پىڭ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، تۇپراقلىرىنى ئىگىلىۋېلىشتەك ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. مەن گەرچە خىتايدا تۇغۇلغان بولساممۇ، بۇ ئىشتا ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمەن. ئۇيغۇرلار ئۆز ئەركىنلىكىنى ئۆزى تاللاپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشى كېرەك. مەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەقسىتىدە بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشتىم.

بۈگۈنكى دوكلاتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم ياپونىيە يوئىمىئۇرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

يىغىن كەچ سائەت ئالتە يېرىمدىن سەككىز يېرىمغا قەدەر داۋاملاشتى.

 
 
Share on X Share on Facebook Share on LinkedIn
 

Leave a Comment Cancel

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

 
 
 
 

Copyright © 2025 ئۇيغۇر مىللى ھەركىتى