2013.03.08

rabiye-qadir-sakuray-yoshiko-305.pngرابىيە قادىر خانىم ساكۇراي خانىم بىلەن كۆرۈشمەكتە

ياپونىيىدە تونۇلغان ئاتاغلىق ژۇرنالىست ساكۇراي يوشىكو خانىم ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يازغان سىياسىي مۇلاھىزە ئەسەرلىرى بىلەن ياپونىيىدە تونۇلۇپ كەلمەكتە. ساكۇراي خانىم 1945 – يىلى ۋېيتنامدا تۇغۇلغان، ياپونىيىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى بولغان كېيئو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئامېرىكىدىكى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتىتىنى تاماملىغان.

ساكۇراي خانىمنىڭ ژۇرنالىستلىق ھاياتى تېلېۋىزوردا دىكتورلۇق قىلىشتىن باشلانغان بولۇپ، 1980 – يىلدىن1996 – يىلغىچە ياپونىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ، ژۇرنالىستلىق ھاياتىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىدە، ياپونىيىدىكى مۇتەئەسسىپ مىللەتچىلەرنى تەنقىدلەش بىلەن بىرگە، ياپونلارنىڭ يېڭىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى تۇرغۇزۇشىغا ئىلھام بېرىش، ياپون ياشلىرىنى قەيسەر ئىرادىلىك بولۇشقا يىتەكلەش، يەنە قايتىدىن قۇدىرەتلىك ياپون دۆلىتىنى قۇرۇش ئىستىگىدە، ئۆزگىچە دۇنياۋىي قاراشتىكى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ، كۆپ قېتىم ياپونىيىدىكى ئوقۇرمەنلىرى كۆپ بولغان، مەشھۇر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئۇ، ياپونىيە «دۆلەتنىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىش» ئورنىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە.

ساكۇراي خانىمنىڭ ئوقۇرمەنلىرىدىن بىرى بولغان ياماگاجو ساكۇراي خانىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

– ساكۇراي خانىم ياپونىيىدە ھەر جەھەتتىن كۈچلۈك ۋە تولىمۇ مەشھۇر بولغان بىر ژۇرنالىستتۇر.

ساكۇراي خانىم 2008 – يىلى4 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ۋە مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەتراپلىق ماتېرىيال توپلاپ، شۇ يىلى 5 – ئايدا ياپونىيىدىكى كۆپ تىراژلىق مەشھۇر مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «شىنچو» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئۇيغۇر داۋاسى ھەققىدە ئەتراپلىق، ئەمىلىي پاكىتلار بىلەن ئۆزگىچە سىياسىي ئانالىز يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقلىرى جانلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ماقالە ياپونىيە جەمئىيىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

ساكۇراي خانىم،2009 – يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە دوكلات يوللاپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەخسۇس بىر كومىتېت تەشكىللەپ، 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

ساكۇراي خانىم 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋە ئالاھىدە مېھمان سۈپىتىدە سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان.

ساكۇراي خانىم 2012 – يىلى 5 – ئاينىڭ 18 – كۈنى توكيودا ئوتكۈزۈلگەن «خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىن، دېموكراتىك بولۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا بېغىشلانغان مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلغان ۋە رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر يىغىندا بىر يېرىم سائەت ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقان ئىدى.

ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولغان گۈلىستان خانىم ساكۇراي خانىم ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

ساكۇراي يوشىكو خانىم ئۆزىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان«خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىرادىمىزنى تىكلەيلى» ناملىق تۆت باب، 250 – بەتلىك سىياسىي مۇلاھىزە كىتابىدا، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى سالمىقىنىڭ ئېشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى بولغان تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە بولغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ بارغانچە قەبىھلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى بېسىۋېلىشتا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تىنچلىق، باراۋەرلىك دېگەندەك يالغان – ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى ئالداپ ئۇلارنى گۈللەندۈرۈپ بېرىپ، بىرقانچە يىللدىن كېيىن چىقىپ كېتىمىز دېگەندەك، يالغان توختاملار بىلەن تارىخىتىن بېرى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ كېلىۋاتقان تىبەت بىلەن شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن.

كىتابنىڭ تۆتىنچى بابىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدىكى كۆپ قېتىملىق زىيارەتلىرىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر نەچچە قېتىم نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپون ھۆكۈمىتىنىڭ، خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك مېھمىنى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ تاشقى سىياسىتىگە تايىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغان ھىلە – مىكىرلىرىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

ساكۇراي يوشىكو خانىم رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەنلىكىنى ۋە ئائىلىسىنىڭ ھازىرمۇ ۋەتەن ئىچىدە بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى، شۇ ۋەجىدىن، رابىيە قادىر خانىمغا چەكسىز ھۆرمەت بىلدۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. 2012 – يىلى 5 – ئايدا توكيودا 4 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا خىتاينىڭ ياپونىيىگە ئېلىپ كەلگەن بەزى ئاۋارچىلىقلىرى ئۈستىدىمۇ تەپسىلىي توختالغان.