بۇ كىتابتا مەكتۇپلار يىل، ئاي، كۈنلىرى بىلەن رەتلىنىپ نەشرگە تەييارلىنىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە كۈلتۈرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈلگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.06.11

rabiye-mektuplar-kitab-305.jpg«رابىيە قادىر خانىمدىن ئاق سارايغا مەكتۇپلار» ناملىق كىتاب. 2012-يىلى ئىيۇن.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور سېيجى نىشىخارا ئەپەندى بىلەن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «رابىيە قادىر خانىمدىن ئاق سارايغا مەكتۇپلار» ناملىق ئىنگلىزچە كىتاب مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. مەزكۇر كىتاب رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىنكى سۈرگۈندىكى ھاياتى جەريانىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان بارلىق تىرىشچانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يازما دەلىلى بولۇش بىلەن بىرگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ «ئاق سارايغا يازغان مەكتۇپلىرى»، يەنى ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىغا يەنى جورجى بۇش، كىلىنتون قاتارلىق پرېزىدېنتلارغا ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىغان مەكتۇپلىرىدىن باشقا ياۋروپا پارلامېنتلىرىغا، ياۋروپادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا، ئەنگلىيە پارلامېنتىغا يوللىغان مەكتۇپلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

مەزكۇر مەكتۇپلار يىل، ئاي، كۈنلىرى بىلەن رەتلىنىپ نەشرگە تەييارلىنىش بىلەن بىرگە مەزكۇر كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قىسقىچە تارىخى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە كۈلتۈرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈلگەن. ئۇندىن باشقا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرجى بۇش ئەپەندىنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەندە خانىمغا قىلغان سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابنىڭ ئاپتورى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە مەزكۇر كىتاب ھازىر ئىنگلىز تىلىدىن باشقا نېمىس، فرانسۇز، ئەرەب، خىتاي ۋە تۈرك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىۋېتىپتۇ. بىز مەزكۇر كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.