د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك يىغىنىڭ ئاخىرلىشىش مەزگىلىدە، رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ياپونىيە ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىشى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتىۋەتكەن.
muxpirlarni-kutiwelish-aliy-kengesh-2012-305.jpgئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. 2012-يىلى 14-ماي، توكيو.

خىتاي ھۆكۈمىتى يوشۇرۇن دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ياپونىيىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، د ئۇ ق 4‏-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ توكيودا ئېچىلىشىغا قاتتىق قارشى تۇرغان ئىدى. بىراق د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ 14-ماي كۈنى ياپونىيە ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىگاھىغا قىلغان زىيارىتى، قۇرۇلتاينى چەكلەشكە مۇيەسسەر بولالمىغان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرىلەپ زەردىسىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ قەبرىگاھ زىيارىتىنى تەنقىد قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي سەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەزكۇر مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ياسۇكۇنى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ چەتئەلگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنىڭ سىمۋولى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرى ياپونىيە ئوڭچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ۋە بىر كانايدىن نەپەس ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونى پارچىلاش، جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشى، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ دېگەن.

ياسۇكۇنى قەبرىگاھى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياپونىيە ئوفىتسىر-جەڭچىلىرى ۋە پۇقرالىرى دەپنە قىلىنىدىغان خاتىرە ساراي. مەزكۇر قەبرىگاھ 1860-يىللىرى پادىشاھ مېيجى دەۋرىدىن باشلاپ ئۇرۇش قۇربانلىرى خاتىرە سارىيىغا ئايلانغان. بۇ جايغا يەنە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 1930- ۋە 40-يىللىرىدىكى خىتايدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىشغالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۆلگەن ئوفىتسېر -جەڭچىلەر، شۇنداقلا يەنە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يىراق شەرق خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خېدىكى توجو قاتارلىق گېنېراللار دەپنە قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر قەبرىگاھنى زىيارەت قىلىشنى بىر سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋالغان. بىراق ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ياسۇكۇنى مەسىلىسىدىكى تەنقىدىنى رەت قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى رېئاكسىيىسى جۇڭگو گېزىتى،يەر شارى ۋاقتى گېزىتى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ۋە تور بېكەتلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي تور ئابونتلىرىنىڭ پىكرىنى قوزغىغان. بەزى خىتاي ئابونتلار چەتئەلدە نەشر قىلىنىدىغان دوۋېي، بوشۈن قاتارلىق خىتاي ئۆكتىچى تور بەتلىرىدە، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خىتايچە تور بېكىتى، خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى سىنا قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە مەزكۇر مەسىلىگە پىكىر بىلدۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ھۇجۇم قىلغان. بىراق چەتئەلدىكى بەزى خىتاي ئۆكتىچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ياسۇكۇنىغا قىلغان زىيارىتىنى سىياسىيلاشتۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

جۇڭگو دېموكراتىك پارتىيىسى خەلقئارا ئىتتىپاقى ناملىق تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىيە گېزىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ جۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلىشى ئەيىبلەشكە بولمايدىغان نورمال پائالىيەت دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ياپونىيە ياسۇكۇنى قەبرىگاھىنىڭ ئۆزى تارىخىي مەسىلە. بۇ خۇددى بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ۋەتەن، مىللەت ۋە خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى بېغىشلىغانلار ئۈچۈن قەبرە تىكلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلغىنىغا ئوخشاش ھادىسە. بۇ كىشىلەر ئۇرۇش جەريانىدا قانداق ئۆلگەن، ئۇرۇش زادى قانداق نەرسە، دېگەنلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈش كېرەك. بۇنىڭ ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. ھەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ قەھرىمانلىرىنى ئەتىۋارلايدۇ. شۇڭا ھەر بىر دۆلەتنىڭ بۇ خىل مىللىي ھېسسىياتىنى چۈشىنىش لازىم. بۇ ئىنسانى خىسلەت مەسىلىسى. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياسۇكۇنى قەبرىگاھىنى بۇنداق ئۆتكۈر ۋە نازۇك مەسىلىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى، ھاجەتسىز داۋراڭ سېلىش.»

ۋاڭ جۈن ئەپەندى يەنە، ساھىبخانا تەرەپنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى ياسۇكۇنىغا زىيارەتكە ئۇيۇشتۇرۇشى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قەبرىگاھنى زىيارەت قىلىپ، ئۇرۇش قۇربانلىرىنى، ئۇرۇشنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى كۆرۈشى ناھايىتى نورمال پائالىيەت، بۇ ياپونىيە خەلقىگە قىلىنغان ھۆرمەت، دەپ كۆرسەتتى. ئىلھام مەخمۇت، خىتاي رەھبەرلىرىنى ياسۇكۇنى مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشنىڭ ئورنىغا قەبرىگاھنى زىيارەت قىلىپ، تارىختىن ساۋاق ئېلىشقا چاقىردى.

ۋاڭ جۈن ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋاللاردا دائىم ھەر خىل ئۇسۇل -چارىلەرنى قوللىنىپ، خەنزۇ مىللەتچىلىكىنى قوزغىتىدىغانلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نورمال بىر پائالىيەتنى داۋراڭ سېلىشى خەنزۇلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىپ، ئەسلىدىلا ناھايىتى نازۇك ئۇيغۇر- خەنزۇ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرىلەپ يامانلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئويۇن، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ: رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى ئەسلى ئادەتتىكى نورمال بىر پائالىيەت ئىدى. بىراق كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بۇنى داۋراڭ سالغاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى ئاۋام پۇقرالىرىدا نارازىلىق قوزغاپ، ئۇنىڭغا قارىتا سەن بىزگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان ياپون ئارمىيىسىنىڭ قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدىڭمۇ، دېگەن نەپرەتنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھېچقانداق ھاجىتى يوق زىددىيەت. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگودەك چوڭ بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئەسلىدە كىچىك بىر ئىشنى چوڭايتىپ، ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئۆزى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم، 14-ماي كۈنى توكيودا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، د ئۇ ق نىڭ قانداق سىياسىي نىشانى بارلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا دۇچ كەلگەن ئىدى. بىراق ئۇ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانداق يولنى تاللاش مەسىلىسىدە ئۆز ئىرادىسىنى ئەركىن ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى يوقلۇقى، قانداق يولدا مېڭىشنى ئۇيغۇر خەلقى بۇ خىل ئەركىنلىككە ئېرىشكەندە تاللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى بار، دېگەن.
ۋاڭ جۈن رابىيە قادىر خانىمنىڭ بايانىغا باھا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشى تامامەن ئەقىلگە مۇۋاپىق تەلەپ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ھېسسىياتىنى چۈشىنىمەن. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇرۇن ئۆز مەدەنىيىتى، ئۆزىگە خاس ئۆرپ-ئادەت ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى بار ئىدى. بىراق كومپارتىيە ھاكىمىيەتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مەجبۇرىي ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. ئەگەر ئۇلار ھازىر ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى بۇ ھوقۇقلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلسا، تامامەن يوللۇق. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە، ئامېرىكىغا ئوخشاش دېموكراتىك ئەللەردە ھەر قايسى شتاتلار ۋە شتات خەلقى سايلىغان ۋەكىللەرنىڭ ھەر خىل ھوقۇقلارنى تەلەپ قىلىشى پۈتۈنلەي نورمال ھادىسە. شۇڭا مەن رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى تامامەن يوللۇق، دەپ قارايمەن.»