11-مارت جۈمە كۈنى ياپونىيىدە 8.9 بال دەرىجىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قالدۇق يەر تەۋرەش ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.03.14

yapon-yer-tewresh-1-305.jpgياپونىيە نوتورى شەھىرىنىڭ سۇنامىنىڭ زەربىسىدىن كېيىن كۆيۈۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2011-يىلى 11-مارت.

ئىگىلىشىمىزچە، جۈمە كۈنى ئاپەتتىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجا، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا ئۇيغۇرلار جۈمە نامىزىدا ياپون خەلقى ئۈچۈن ئامانلىق تىلىگەن. چەتئەللەردە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ تېلېگرامما يوللاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپونىيە خەلقى ھەم ھۆكۈمىتىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيىدە 8.9 بال دەرىجىدىكى ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۈشەنبە كۈنىگە قەدەر يەر تەۋرەش ھەم سۇنامى ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1886 گە يەتتى دەپ ئېلان قىلىنغان. ياپونىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى 6 ناھىيىدە 1850 ئورۇندا ئاپەتكە ئۇچرىغانلار كەنتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلار سانى 310 مىڭدىن ئاشقان.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى دۈشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ياپون خەلقىنىڭ ئەھۋالى ھەم ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ياپونىيە تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى بولۇپ، ياپونىيىدە بىرنەچچە كۈندىن بۇيان 4-5 بال ئەتراپىدىكى قالدۇق يەر تەۋرەشلەر ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە يەنە 7 بال ئەتراپىدا يەر تەۋرەش يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان ھەم خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئارىسىدا ھازىرچە ئۆلۈش ھەم ئېغىر يارىلىنىش ئەھۋالى يۈز بەرمىگەن. يەكشەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا تېلېفون ئالاقىسى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا تېلېفون قىلىشىپ ئەھۋال سوراشقان.

ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى يەنە ئۆز بايانىدا بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ياپون خەلقىنىڭ، ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىيجانابلىقى، گۈزەل ئەخلاق پەزىلىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەم تەشكىلاتلار ياپونىيىگە تېلېگرامما يوللاپ ئۆز ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، 13-چېسلاغىچە 69 دۆلەت ياپونىيىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھەم رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپونىيە خەلقى ھەم دۆلىتىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى.

 

yapon-yer-tewresh-2-385.jpg
يەر تەۋرەشتىن كېيىن مىياگى شەھىرىدە سۇدا لەيلەپ قالغان ئاپتوموبىللار. 2011-يىلى 11-مارت.
AFP

ئۇيغۇربىز تور بېكىتىدە شەنبە كۈنى 12-مارت ئېلان قىلىنغان بىر خەتتە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ياپونىيىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ كۈنىدىكى جۈمە نامىزىدا ياپونىيىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپون خەلقى ھەم شۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ ‏-ئامانلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
 

خەتتە ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپون خەلقىگە ھېسداشلىق بىلدۈرۈلۈش بىلەن بىللە، ياپونىيە دۆلىتى ھەم ياپون خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ياردەملىرىگە

yapon-yer-tewresh-3-385.jpg
ياپونىيە مىتو شەھىرىدە، يەر تەۋرەشتە تامنىڭ ئاستىدا قالغان ئاپتوموبىللار. 2011-يىلى 11-مارت.
AFP

مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق بايانلار بېرىلگەن:
«بىلىشىمىزچە، بۈگۈن ياپون دۆلىتىدە كەڭ كۆلەملىك يەر تەۋرەپ نەچچە يۈزلىگەن كىشى قازا قىلىپتۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن ياپون خەلقىگە بولغان چوڭقۇر ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. شۇنداقلا ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتى ئارقىلىق ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ياپون خەلقى 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيىدە ئوقۇشىغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قانچە يۈزلىگەن ئەدىب، مۇتەخەسسىس ۋە ھەر كەسىپتىكى تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەردى. يەنە بەزى ياپون دوستلار ئۇيغۇر مەكتىپى، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، ھەمدە ئاسارە‏-ئەتىقىلەرنى قوغداش قاتارلىق ئىشلارغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە ياپونلارنىڭ دوستلۇق مېھرىنى ۋە ئالىيجاناب ئىنسانپەرۋەرلىكىنى ھېس قىلدۇردى. بۈگۈن جۈمە نامىزىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن، غۇلجا قاتارلىق شەھەر، ۋىلايەتلەردىكى مەسچىتلەردە ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئەلۋەتتە، ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئوخشىمايدۇ، ئەمما قەلبلىرى تۇتاشقان. مۇشۇ پەيتتە، بارلىق ئۇيغۇرلار ياپونلارغا بولغان تەسەللىسىنى ئىپادىلەشكە شۇ قەدەر ئىنتىزار! ياپونلارنىڭ تېزرەك قىيىنچىلىقلارنى بويسۇندۇرۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيانلىرىنى يېڭىشىنى تىلەيمىز!»
 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ياپونىيىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپون خەلقى ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپون خەلقىگە تەزىيىسىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە ياپونىيە خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قىلغان بارلىق ياردەملىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆز بايانىدا ياپونىيىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم رابىيە قادىر خانىمنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ ئىمزاسى بىلەن ياپونىيىنىڭ باش مىنىستىرى ھەم ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۈتۈن دۇنيا خەلقى ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونىيىدىكى يەر تەۋرەشكە ئۆلگەنلەرگە تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ياپونىيىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شىنلاڭ قاتارلىق بىر قىسىم خىتايچە تور بەتلىرىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تەنتەنە قىلىش پوزىتسىيىسى ئىپادىلەنگەن يوللانمىلارمۇ چاپلاندى.

بۇ خىل يوللانمىلاردا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش دەۋرىدە ياپون ئەسكەرلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى قىرغىن قىلغانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي پۇقرالىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ياپون خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىللە، تارىختا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىنغان.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بۇ خىل يوللانمىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە ‏-خىتاي ئۇرۇشى ھەققىدە بىر تەرەپلىمىلىك تەشۋىقاتلارنى زىيادە كۆپ تەشۋىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.