2011.02.11
مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
مىسىردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىڭ 18-كۈنى مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
قاھىرەنىڭ تەھرىر مەيدانىغا توپلانغان نامايىشچىلار «مىسىر ھۆرلۈككە ئېرىشتى! مىسىر ئەركىنلىككە ئېرىشتى!» دەپ چۇقان سېلىشتى. مەيدان بايرام شاشلىقىغا چۆمدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇبارەك 11-فېۋرال قاھىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، مىسىرنىڭ سىناي ۋادىسىدىكى شارىمئەل-شەيىخ شەھىرىگە يۆتكەلگەن.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تۈركىيىدىكى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، تۈركىيە ھاجى تۆپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەملەر مىسىردا يۈز بەرگەن قارشىلىق نامايىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ خىتايدىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاينىڭ مىسىرغا ئوخشاش مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەردىن ساۋاق ئېلىشى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە گېرمانىيىدە غۇلجا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 14 يىللىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتايغا قارشى نامايىشلار بىلەن خاتىرىلەندى.
5-فېۋرال گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان نامايىش ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى گېرمانىيىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى يېشىللار پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مارگېرىتا باۋزى خانىم سۆزلىدى.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆز نۆۋىتىدە سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى بايان قىلدى. نامايىشقا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
گوللاندىيىدىكى نامايىش بىر قەدەر كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان
«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يەنە، ئامېرىكا، ياپونىيە، نورۋېگىيىگە، شۋېتسىيە، تۈركىيە، كانادا ۋە گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلدى.
گېرمانىيىدىكى نامايىشتىن قالسا، گوللاندىيىدىكى نامايىش بىر قەدەر كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان. گوللاندىيىدىكى نامايىشقا گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى، گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر ياشلار پارتىيىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىدىن بولۇپ جەمئىي يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
نامايىشقا گوللاندىيە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، پارلامېنت ئەزاسى خارى فان بوممىل ئەپەندى باشلىق تەشكىلات رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «5-فېۋرال ۋەقەسى» نىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا سەۋەب بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىشنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسىي ئەركىنلىكى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ يەنە ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقى ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن
«يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمە ۋە مۇمىيالارنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكى
پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلماقچى بولغان «يىپەك يولىنىڭ سىرى» ناملىق تارىم قۇرۇق جەسەتلىرى كۆرگەزمىسىنى خىتاينىڭ تۇيۇقسىز ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، «كۆرگەزمىگە قويۇلغان قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ ئېتنىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «مۇستەقىل» تور گېزىتىدە كۆرگەزمىگە قويۇلىدىغان بىر ئايالنىڭ قۇرۇق جەسىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «مۇمىيا، خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسى تارىم ئويمانلىقىدىن تېپىلغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئاق تەنلىكلەرگە خاس ئىرقى ئالاھىدىلىكى، بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئاھالىسىنىڭ ياۋروپالىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ».
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى موزىيىدا ئېچىلماقچى بولغان «يىپەك يولنىڭ سىرى» ناملىق كۆرگەزمىنى توسۇپ قالغاندىن كېيىن، مۇزېي دائىرىلىرى كۆرگەزمىنى تەقلىدىي مۇمىيالارنى ياساش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرغان.
ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇر پەن-مائارىپى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان ئەپەندى بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي سەۋىيىسى يۇقىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىستانبۇلدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دوكتور ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان 9 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇدى.
ئۇيغۇر چاڭغا تېيىلىش ماھىرى ھەسەن توختاخۇنوف نەتىجە قازانغان
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر چاڭغا تېيىلىش ماھىرى ھەسەن توختاخۇنوف قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن 7-قېتىملىق قىشلىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چاڭغا بىلەن كۆۋرۈكتىن ھالقىپ ئۆتۈش تۈرى بويىچە نەتىجە قازانغان.
6-فېۋرال ئالمۇتا شەھىرىدىكى تەنتەربىيە ۋە مەدەنىيەت سارىيىدا 7-قېتىملىق قىشلىق ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ھەسەن توختاخۇنوف قازاقىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ئۇ كۆپ قېتىم قازاقىستان ۋە خەلقئارادىكى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.
ئەرزدار غازى ھامۇت خۇن ھەققى داۋاسىدا ئاخىرى نەتىجىگە ئېرىشتى
ئەرزدار غازى ھامۇت، 6 يىلدىن بېرى ئېلىپ بېرىۋاتقان خۇن ھەققى داۋاسىدا ئاخىرى نەتىجىگە ئېرىشىپ، 2010-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرى تۆلەنمەي قالغان 87 مىڭ يۈەن خۇن ھەققىنى تۆلىتىۋالدى.
شىخەنزىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن غازى ھامۇتنىڭ 17 ياشلىق ئوغلى خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. سوتتا جاۋابكارنىڭ 159 مىڭ يۈەن خۇن ھەققى تۆلەيدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
ھالبۇكى، جاۋابكار خىتاي ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۆلەمنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەپ، قالغىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئەرزدار غازى ھامۇت ئۆتكەن يىلى 11 -ئايدا بېيجىڭغا كېلىپ، ئەھۋالىنى بېيجىڭدىكى ئالاقىدار ئورگان ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇم قىلغان ئىدى.