2010.11.12

رابىيە قادىر خانىم كالىفورنىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېقىندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سان فىرانسىسكو شەھىرىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيۇشتۇرغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يىغىن كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ كالىفورنىيىدىكى ۋەكىلى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، رابىيە خانىمغا ھەمراھ بولۇپ يىغىنغا قاتناشقان ۋە تەرجىمانلىق قىلغان.

يىغىنغا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى، كىشىلىك ھوقۇق خادىملىرى ۋە كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ھەرقايسى شەھەر-رايونلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار قاتناشقان. رابىيە قادىر خانىم تېخى يېقىندىلا شۋېتسارىيە، ئىتالىيە ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنلىرىغا قاتناشقان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.

«شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى»دىكى ئوقۇغۇچىلار چوشقا گۆشى سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلغان

خىتاينىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» دىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆتكەن ھەپتە ئۆز تامىقىدا بايقالغان چوشقا گۆشى سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋەقەسىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىغا چوشقا گۆشى ئارىلىشىپ قېلىش ۋەقەسىنى «پەقەت بىر تاسادىپىيلىق»، دەپ كۆرسەتتى.

بىزگە بۇ ھەقتە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى نەنچاڭ ناھىيىسىدىكى «ليەنتاڭ» 1 – ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن. مەزكۇر مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» 2008 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سىنىپقا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

خەۋەر يەتكۈزگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرى چوشقا گۆشىدە ئېتىلگەن مانتا يەپ سالغانلىقىنى ھېس قىلىشقان ۋە دەرھال تاماق تاشلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مائارىپ ئىدارىسىدىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت خادىمى چوشقا گۆشىدە ئېتىلگەن مانتا ۋەقەسىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تامىقىغا ئارىلىشىپ قالغان مانتىنى تېخى يېمەستىنلا بايقاپ ۋەقەگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خوتەنلىك ئۇيغۇر ئەرزدارلار دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا بىڭتۇەندىكى مىللىي تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە شىكايەت قىلدى

شەنبە كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا نامايىش قىلماقچى بولغاندا تۇتۇپ كېتىلگەن خوتەنلىك ئۇيغۇر ئەرزدارلار سەيشەنبە كۈنى دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتىغا بېرىپ، بىڭتۇەندىكى مىللىي تەڭسىزلىكلەر ھەققىدە شىكايەت قىلدى. ئۇلار دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسىگە بېرىپ، بىڭتۇەن 14 ‏- دىۋىزىيە دائىرىلىرىنىڭ پاختا، چىلان مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئەرز قىلغان ئىدى.

مەزكۇر ئەرزدارلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى تېخى يىغىۋېلىنمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى باغدا سېسىپ كېتىش ۋە ياكى مەزكۇر جايدىكى چىلان كارخانىسى تەرىپىدىن مەجبۇرىي يىغىپ كېتىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. شۇڭا ئەرزدارلار دائىرىلەرنىڭ مەسىلىگە جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مىللىي ئىشلار كومىتېتىمۇ ئەرزدارلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىگەن. پەقەت مەسىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلايدىغانلىقى ھەققىدە قۇرۇق ۋەدە بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى كۈتۈشىنى بۇيرۇغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارارنامە يوللىدى

ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياپونىيىدە ئېچىلىدىغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن شەنبە كۈنى يوكوخوما شەھىرىدە پائالىيەت ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىن ئاخىرىدا ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە سۇنۇش ئۈچۈن بىر قارارنامە ماقۇللانغان. قارارنامىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش، خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ «5 – ئىيۇل ۋەقەسى»نى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇش، «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى توختىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

«بوغۇلغان ھەقىقەتنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىدا ئاشكارىلاش » دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىنغا يوكوخوما شەھىرىدىن ئىككى پارلامېنت ئەزاسى، توكيو پارلامېنتىدىن بىر پارلامېنت ئەزاسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا ياپونىيىلىك ئەربابلاردىن بولۇپ، جەمئىي 200 ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان.

مەزكۇر قارارنامە ئامېرىكا، كانادا، رۇسىيە، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندونېزىيە قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ياپونىيە پارلامېنتىغا ئەۋەتىلگەن.

ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى

2010 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 2 ‏- كۈنىدىن 4 ‏- كۈنىگىچە، ئىستانبۇلنىڭ باكىركۆي ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەتنى باكىركۆي ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.، پائالىيەت رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش ۋە لېكسىيە بېرىش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەتتە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئاتاۋۇللا شەرقىي تۈركىستان تارىخى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە لېكسىيە بەردى. باكىركۆي ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە جەمئىي 3500 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.

خوتەندە بىر خىتاي ئەمەلدار ۋە بىر ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن

رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە ئىچىدە خوتەندە بىر خىتاي ئەمەلدارى ۋە بىر قاتناش ساقچىسى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرىمىزگە قارىغاندا، ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن كىشىلەر بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى كۈنى ئىلگىرى يۈز بەرگەنلىكى ھەمدە ۋەقەگە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاقسۇدىن كەلگەن ئىككى گۇماندار ئۆزلىرىنى قوغلاپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر قاتناش ساقچىسىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.

خىتاي ئەمەلدارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغانلار بار بولسىمۇ، ئەمما بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى.

توقسۇندا 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قىسقارتىلماقچى

تۇرپان ۋىلايىتى توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ناھىيىدىكى ئىككى مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسىدىن 518 نەپەرنى قىسقارتىشنى پىلان قىلماقتا ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر شتات قىسقارتىش پىلانى توقسۇن ناھىيىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىغان. ئەمما ئۇلار سىياسىي بېسىمىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبىدىن ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالغان.

توقسۇن ناھىيىسىدىكى بىر ياش ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2000 – يىلىدىكى ستاتىستىكىغا قارىغاندا توقسۇن ناھىيىسىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپى مەكتەپلەر بولۇپ، جەمئىي 50 مەكتەپ بار ئىكەن. بۇ مەكتەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى «قوش تىل مائارىپى سىياسىتى» بويىچە خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، 24 ئۇيغۇر مەكتىپى قېلىپ قالغان.

بۇ جەرياندا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بىر قانچە قېتىم ئوقۇتقۇچى قىسقارتىش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، بۇ قېتىم 518 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى بىراقلا قىسقارتىشى ئەڭ زور كۆلەمدىكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ «بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى

يېقىندا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ «بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» ناملىق كىتابى نەشردىن چىقتى.

بۇ كىتاب ئاپتورنىڭ بۇندىن 17 يىل ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمدە شەھىرىدىكى «مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى»نىڭ كۇلۇبىدا سۆزلىگەن لېكسىيىسى ئاساسىدا كېڭەيتىپ يېزىلغان. كىتابتا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، قىسقىچە تارىخى ۋە ئۆتمۈشى، شۇنداقلا ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە ناھايىتى چۈشىنىشلىك شەرھىيىلەنگەن.

كىتابتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھونلار دەۋرىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان تارىخى جەريانى، قۇرۇلغان دۆلەتلەر، ئۇيغۇر ئېلىدە يارىتىلغان مەدەنىيەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق يولىدا ئېلىپ بارغان قانلىق كۈرەشلىرى ئىخچام ھالدا بايان قىلغان.

مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئالىم مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاپتور بۇ كىتابنى بىر مىڭ پارچە باستۇرۇپ، ھەقسىز تارقاتقان.