2010.06.18
رابىيە قادىر خانىم ئىتالىيە لۇكا پارلامېنتىنىڭ ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
17 - ئىيۇن ئىتالىيە لۇكا ئۆلكىسىنىڭ پارلامېنتى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا «ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بەردى. مۇكاپاتنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كەنجى قىزى قېقىنۇس سىدىق خېنىم رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ ئالدى.
17 – ئىيۇن، لۇكا ئۆلكىلىك پارلامېنت رەئىسى شتافان بۇچالى قېقىنۇس خېنىم، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئۆمەر قانات ۋە ئالىم سېيىتوفلارنى كۈتۈۋالدى. لۇكا ئۆلكىلىك پارلامېنت، رابىيە قادىر خانىم ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلەرگە يۇقىرى باھا بەردى.
18 - ئىيۇن رابىيە قادىر خانىمنى يەنە، ئىتالىيىنىڭ Societa Libera تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتى توكيودا باشلاندى
ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ دوكلات بېرىش پائالىيىتى 16 – ئىيۇن توكيودا باشلاندى. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى ئەپەندى 16 -ئىيۇندىن 28 – ئىيۇنغىچە ياپونىيىنىڭ بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىدۇ.
ئۇ، ياپونىيىدە «5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماڭ»، «سېتىۋېتىلگەن شەرقىي تۈركىستان»دېگەن تېمىلاردا دوكلات بېرىدۇ. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى، 6 – ئاينىڭ 16 – 17 – كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە ياپون مۇتەخەسسىسلەر بىلەن سۆھبەت يىغىنلىرى ئۆتكۈزگەن ۋە مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن.
ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ ياپونىيىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پائالىيەت 6 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر يەسلىسىدىكى ئۆسمۈرلەرنى مۇكاپاتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن جەم بولدى
2010 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆسمۈرلەرنىڭ قۇرئان كەرىم ئوقۇش ۋە ئانا تىلدا سۆزلىشىش نەتىجىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىن ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي رايونلىرىدا ئېچىلغان يەسلىلەردىن كەلگەن.
مۇراسىمغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن سەلەي ھاجىم ئارتۇشى قاتارلىق پېشقەدەم ئۇستازلار، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
ئامېرىكا دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالىنىڭ يەنىلا ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى دۇنيادىكى «ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسى» ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى يەنە بىر قېتىم ئادەم ئەتكەسچىلىك مەسىلىسىدە «كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى»گە كىرگۈزدى.
دوكلاتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇش، بالىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئەھۋالىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا دۇنيادىكى 177 دۆلەتنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىلگەن.
دوكلاتتا خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىك ئەھۋالىغا باھا بېرىپ، خىتاي «ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، پاھىشىلىككە مەجبۇرلاش ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەنبەسى، ئۆتكۈنچى بېكىتى ۋە ئاخىرقى پەللىسى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئامىستېردامدا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى 2 – قېتىملىق يېغىن ئۇيۇشتۇردى
6 – ئاينىڭ 14 – كۈنى گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى خاررى فان بوممىل ئەپەندى باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى يېغىن ئاچتى.
يىغىندا 5 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان نارازىلىق نامايىش پائالىيىتىنىڭ كونكرېت پىلان – لايىھىلىرى ماقۇللىنىپ، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا خىزمەت تەقسىم قىلىندى. ھەممە بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.
يېغىنغا كۇلۇب ئەزالىرىدىن 20 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. يېغىن شۇ يەر ۋاقتى 7 دە باشلىنىپ بىر يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلىپ، كېلەر قېتىملىق ئۇچرىشىش ۋاقتىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئاخىرلاشتى.
«ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كۇلۇبى» گوللاندىيىدىكى س پ سوتسىيال پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رولچىلىرىدىن بولغان خاررى فان بوممىل ئەپەندىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ئامىستېردام شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېغىن زالىدا قۇرۇلغان ئىدى.
د ئۇ ق ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى
د ئۇ ق ۋەكىلى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 – نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 14 – نۆۋەتلىك يىغىنى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى جەنۋەدە باشلانغان.
د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 6 – ئاينىڭ 14 – كۈنىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشماقتا.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ يىللاردىن بۇيان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق ۋەكىللىرى بىر قانچە ئايدىن بۇيان بۇ يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرغان ۋە كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان.
خىتاي بەزى ناھىيىلەردە ئۇيغۇرلارغا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى قوبۇل قىلماسلىق بەلگىلىمىسى چىقاردى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ توققۇزاق، پەيزىۋات ۋە پوسكام ناھىيىلىرىدە، ئاھالىلەرنىڭ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە، ئاھالىلەر ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چەتئەل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
باش شتابى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان چەكلىمىلەرنى تەنقىدلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇچار يېزىسىدا كەلكۈندىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغانلارنى قولغا ئالدى
يېڭىسار ناھىيىسىنىڭ ئۇچار يېزىسىدا زور كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئالمىغان. ھۆكۈمەت ئىنكاس قايتۇرمىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانلارنى بولسا «جەمئىيەتنى قالايمىقان قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە 13 ئۇيغۇرنى قولغا ئالغان.
ئۇچار يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى 13 ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلمىغان. ئۇ مۇخبىرغا «مەن بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېگەن.
ھالبۇكى، ئۇچار يېزىلىق ھۆكۈمەت كاتىپى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يۇقىرىقى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.