ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.05.21
2010.05.21
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﻰ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﺗﯜﻣﺘﯜﺭﻙ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ21 – ﻛﯜﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻛﻴﻮ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻟﯩﺒﯧﺮﺍﻝ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮ ﺷﯩﻨﺰﻭ ﺋﺎﺑﻰ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﻻﻣﯧﻨﺖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﺩﯨﻦ.
ئىككى تەرەپ، ياپونىيە لىبېرال دېموكراتىيە پارتىيىسى مەركىزىدە ئېلىپ بارغان بىر يېرىم سائەتكە يېقىن ئۇچرىشىشتا ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن ياپونىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان د ئۇق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ھەيئىتى بۈگۈن توكيودا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، ھەيئەتنىڭ ياپونىيە زىيارىتى 5 – ئاينىڭ 24 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.