ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.12.08
2009.12.08
بۈگۈن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رادىئومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 14 – كۈنى توكيودىكى ئاخبارات كلۇبىدا خى جىنپىڭغا قارشى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى، يىغىندا شى جىڭپىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە قارىتا نارازىلىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جياڭ يىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە تەيۋەن دېموكىراتىك تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باشلىقى سەي يىڭۋېنننىڭ ياپونىيە زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ » سەي يىڭۋېنغا ئوخشاش تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ جوڭگۇ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بىر دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئىزچىل ۋە قاتتىق قارشى تۇرىمىز دېگەن.
ئۆتكەن قېتىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان چېغىدىمۇ خىتاي قاتتىق قارشى تۇرغان ؛ ھەتتا ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ نارازىلىق ئىپادىلگەن ئىدى.