2009.11.06

پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە

1 – نويابىر، ئارال پالاۋغا يېتىپ بارغان 6 نەپەر ئۇيغۇر، 8 يىللىق تۈرمە ھاياتىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ كوچىلارنى ئايلاندى ۋە سودا – سېتىق قىلدى.

ئۇلارنىڭ تەرجىمانى مەمتىمىن ئەلا ئەپەندى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە روھىي كەيپىياتى ھەققىدە توختالدى.
مەمتىمىن ئەلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6 ئۇيغۇرنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، پالاۋنىڭ باش ۋە مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ خادىملىرى بولۇپ 30 دىن ئارتۇق كىشى ئايرودرومغا چىققان.
پالاۋ پرېزىدېنتى بۇ 6 ئۇيغۇرنىڭ ئورۇنلىشىشىغا بىۋاسىتە ئارىلاشقان.

سابىق مەھبۇسلاردىن ئېلى مۇھەممەد، ئۆزلىرىنىڭ گۈەنتانامو ھاياتىدىكى ۋە پالاۋغا يۆتكىلىش جەريانىدىكى تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ پالاۋ پرېزىدېنتى ۋە خەلقىنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىدىن مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، تۈرمىدىن چىقىپلا يەنە خىتاينىڭ توسالغۇسىغا يولۇققانلىقىدىن غەزەپلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئېلى مۇھەممەد سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ ھاياتىدا ئاۋارىچىلىكتىن خالىي بولالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

4 – نويابىر پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ بۇ ئالتەيلەننى ئۆزى ساياھەت قىلدۇردى ۋە مېھمان قىلدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئالتە ئۇيغۇر پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى تورىبئوڭ بىلەن بىللە، ئىسسىق بەلۋاغدىكى ئاراللارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغان، بۇرۇن تېلېۋىزورلاردا كۆرگەن دېڭىزدا سۇ ئۈزگەن ۋە بۈك – باراقسان ئورمانلىقلاردا كاۋاپ ئەتكەن. تەرجىمان مەمتىمىن ئەلانىڭ ئېيتىشىچە، گۈەنتانامودا 8 يىلدەك قامىلىپ تۇرغان بۇ ئالتە ئۇيغۇر ساياھەتنى چەكسىز ھاياجانلىق ئىچىدە ئۆتكۈزگەن.

5 – نويابىر پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبئوڭ ئاۋسترالىيىنىڭ يېقىندا گۈەنتانامودىن قويۇپ بېرىلىپ ۋاقتىنچە پالاۋغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا دائىمىي تۇرالغۇ ماكان بېرىشىنى ئۈمىد قىلغان.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە زىيارىتى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە ئۇيۇشتۇرغان ئىككى ھەپتىلىك پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى. ئەمما ئۇ ئامېرىكىغا قايتىپ كېلىپلا ئامېرىكىدىكى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە زىيارىتى ھەققىدە توختالغان رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تارىخىي زىيارەت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىگە ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخانىلىق قىلغان، شۇنداقلا، رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا ياپونچە نەشر قىلىنغان كىتابىنىمۇ تونۇشتۇرغان.

ياپونىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا بەزى تەلەپلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رابىيە خانىم «نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە تۈرمىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتۇر،» دېدى.

ئىستانبۇلدا ›تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر‹ ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

2009 ‏ – يىلى 11 ‏ – ئاينىڭ 1 ‏ – كۈنى ئىستانبۇلنىڭ فەسھانە يىغىن زالىدا، ›تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر‹ ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۇنياسى ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك، سابىق دۆلەت مىنىستىرى نەۋزات يالچىنتاش، پارلامېنت ئەزاسى مەمەت مۇئەززىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيە رايونلىرىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەرنىڭ تۈركىيىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات، جەمئىيەت ۋە فوندلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

يىغىنغا تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەكلىپ قىلىنغان.

يىغىندا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىك پۈتۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. يىغىن ئاخىرىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى سەھنىگە چىقىپ دۆلەت مىنىستىرى فارۇق چېلىككە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 5 ‏ – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھېسداشلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ چىمەن دوپپا ۋە ئۇزۇن تون كىيدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ›قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى‹ نى باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە «5 – ئىيۇل ۋەقەسى» گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي ۋە باستۇرۇش خاراكتېرىدىكى بۇ ئاتالمىش «زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان «100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ تۈزەش ھەرىكىتى» نى يولغا قويۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى باياناتچىسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يىل ئاخىرىغىچە » قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ھەرىكەتنىڭ تىغ ئۇچىنى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىگە ئالاقىدار شەخسلەرنى تۇتۇشقا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا 5 – ئىيۇل ۋە ئۇندىن كېيىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىدىن چۈچۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كارا ئابرامسون خانىم ئامېرىكا دۆلەتلىك خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى ھەققىدە توختالدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئادۋوكاتلىق خىزمىتى دىرېكتورى كارا ئابرامسون خانىم ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىرى.

ئۇ، يېقىندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرى، بۇ يىللىق دوكلاتى ھەمدە تەييارلىغان تەكلىپ لايىھىلىرى ھەققىدە توختالدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئوبامانى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى

پرېزىدېنت ئوباما بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ زىيارەت ھارپىسىدا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سودىغىلا ئېسىلىۋالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانى خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا، خىتاي رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

لاررىي كوكسنىڭ ئوباماغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ ئاساسلىقى، خىتاي يازغۇچى شى تاۋ، ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئابلىكىم ئابدۇرېھىم، ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە تىنچ نامايىشقا قاتناشقان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش، ئادۋوكاتلارنىڭ ئاقلاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى توختىتىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي، مەدەنىيەت ۋە دىنىي كىملىكىگە ھۆرمەت قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە دىنىي چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىش، خىزمەتكە ئېلىش جەھەتتىكى كەمسىتىشكە خاتىمە بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.