2009.07.31

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ بىر ھەپتىدە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى سالمىقىنى ھەربىي ھەم ساقچى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق يەنىمۇ كۈچەيتتى.

بۇنىڭ بىلەن يەنە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن رەسمىي دېپلوماتىك توسالغۇ يارىتىش ھەرىكەتلىرىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى، ئەكسىچە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم باشلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىتىنى ئاڭلىتىش ھەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان قارىلاش، تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى پائالىيەتلىرى يەنىمۇ ئاكتىپلاشتى، نۆۋەتتە ھەپتىلىك مۇھىم خەۋەرلەر سەھىپىمىز بويىچە ئاڭلىتىشىمىزدا مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ بىر ھەپتىدە بولۇپ ئۆتكەن مەزكۇر مۇھىم قەۋە ھەم ھادىسىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.

خىتاينىڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئەۋجىگە چىقتى

28 – ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي كۆل خەلق مەيدانىدا 1100 ھەربىي قاتناشقان چوڭ كۆلەملىك خەلق ئەسكەرلىرى مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى، 29 – ئىيۇل كۈنى خىتاي دائىرىلىرى يەنەيېشىدىن قۇرۇلغان 4 مۇھىم رايوندىكى ساقچىخانىلارغا ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش نامى ئاستىدا 500 نەپەر ساقچىنى تولۇقلاپ قوبۇل قىلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز قوغلاپ تۇتۇلغان ئادەم سانى 253 كە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 15 كىشى ئۈستىدىن جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ئېلانى چىقاردى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ 15 نەپەر كىشىنى » ئۈرۈمچىدە 5 – ئىيۇل مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇپ – چېقىش ۋەقەسى» گە چېتىشلىق گۇماندارلار دېگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىم- فامىلىسىنى، رەسىملىرىنى ئېلان قىلدى.

بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ -5 ئىيۇلدىن باشلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدىكى تۇنجى قېتىملىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەققىدە ئوچۇق ئېلان قىلغان بۇيرۇقى ھېسابلىنىدۇ.

ھالبۇكى، مەزكۈر تۇتقۇن قىلىش بۇيرۇقىدا ساختىلىق ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى،يەنى خىتاي تۇتۇلۇپ بولغان كىشىلەر ئۈستىدىن قايتا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئىگە بولغان ئىشەنچلىك مەلۇماتىمىزغا ئاساسلانغاندا، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بۇ 15 كىشى ئىچىدە، روشەنگۈل تەلئەت تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىشتىن ئىلگىرىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن ھەرىكىتىدە ئېلىپ كېتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ روشەنگۈل ئۈستىدىن قايتا تۇتۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، شۇنداقلا روشەنگۈلگە ئوخشاش قالايمىقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى كىشىلەرنى تەشۋىشلەندۈرمەكتە.

خىتاي ساقچى دائىرىلىرى بۇ 15 كىشنى جىنايەت گۇماندارلىرى سۈپىتىدە تۇتقۇن قىلىشنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ، ۋەقە جەريانىدا قولغا ئېلىنغان 40 نەپەر كىشىنىڭمۇ ئىسمى ۋە رەسىمىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلاردىن تۇنجى تۈركۈم ئاشكارىلانغانلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى 2000 گە يېقىن كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۆلگەنلەر ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان رەقەمدىن نەچچە ھەسسە جىق بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ سەيشەنبە كۈنى 5 – ئىيۇلدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە قامال قىلىنغان بىر قىسىم تور ئالاقە ھەم تېلېفون لىنىيىلىرى مۇلازىمىتىگە قاراتقان كونتروللۇقىنىڭ بىر قىسمىنى 28 – ئىيۇل كۈنى ئېچىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەمما ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بەزى ئاممىۋى مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى ناھايىتى تار دائىرىدە مەشغۇلات قىلىشىغا ئېچىلغان بولسىمۇ،ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەر قانداق تور بەتلەر، خەلقئارا تور بەتلەر خەلقئارا تېلېفون ئالاقىسى ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرغا قەدەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل نامايىشىدا ئۆلگەن كىشىلەرگە ئىئانە توپلاش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ خىل ئىئانە ئادەتتىكى كادىرلاردىن 100 يۈەن، بۆلۈم دەرىجىلىكلەردىن 200 يۈەن، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئەمەلدىكىلەردىن كۆپرەك شەكىلدە 7 – ئايلىق مائاشتىن تۇتۇپ قىلىنغان.

خىتاي ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە توسالغۇ يارىتالمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادا ھەر خىل شەكىل قوللىنىپ، رابىيە خانىمنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە تىرىشىپ كەلدى. دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ داۋېى، ياپونىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ، شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ياپونىيىدىن رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيە زېمىنىدا جۇڭگونى پارچىلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قارىتا دەرھال جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.

ھالبۇكى خىتاينىڭ بېسىمى ئۈنۈم بەرمىدى،ياپونىيە زىيارىتى ئۈچۈن 27 – ئىيۇل ۋاشىنگىتوندىن ئايرىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەمرىيى بىلەن، 28 – ئىيۇل كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى نارىتا خەلقئارالىق ئايرودرومغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىپ، ياپونىيىدە ئېلىپ بارغان بۇ ئىككىنچى قېتىملىق زىيارىتىنىمۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى ۋاشىنگىتونغا قايتىپ كەلدى.

ئۈچ كۈنلۈك پائالىيىتى جەريانىدا رابىيە قادىر خانىم 250 مۇخبىر قاتناشقان مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن 5 – ئىيۇلدىن بۇيان ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قىرغىن قىلىش باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە رابىيە قادىر خانىمنى «جاۋابكار» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلاردا بولۇۋاتقان بولسىمۇ قايتا- قايتا مەغلۇپ بولدى.

رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقىي تازىلاش» جىنايىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە ئىز ‏- دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇرلار داۋاملىق مەركىزى تېما

نۆۋەتتە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا مۇلاھىزىچىلەر، مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ھەتتا خىتايلارمۇ 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرنى توختىماي ئېلان قىلماقتا.

مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدىلا نۇرغۇن تەشكىلات ھەم تەتقىقات ئورۇنلىرىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ھەم مۇلاھىزە ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاش مەيدانىنى ئىپادە قىلدى.

خەلقئارالىق ئانتروپولوگىيە ۋە ئېتنولوگىيە تەتقىقاتى جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلىدى

جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پېتىر سىكالنىك نەچچە يۈز ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياقلاشقان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ يىغىنغا قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتىغا خەت يېزىپ: «مەن ھەرگىزمۇ بۇ تىراگىدىيىگە سەۋەبچى بولغان كىشىلەر بىلەن تونۇشمايمەن ۋە ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەيمەن» دېگەن ۋە بۇ خېتىنى يەنە نۇرغۇنلىغان ئانتروپولوگلارغىمۇ يوللىغان.

2006‏ – يىلى خىتاي مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىلىرىدىن نوبىل مۇكاپاتى ۋە كلۇگ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان خىتاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى تەتقىقاتچىسى 76 ياشلىق يۈ يىڭشى ئەپەندى ›كۆزىتىش ژۇرنىلى’دا ›ئۇيغۇر تارىخىدىن ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە نەزەر‹ سەرلەۋھىلىك ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئۇنىڭ تارىخىي پاكىتلار بىلەن بايان قىلىشىچە، 9 – ئەسردىن چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە، ئۇيغۇرلار ھېچقاچان خىتاينىڭ بىر ئۆلكىسى بولۇپ باققان ئەمەس.

13‏ – ئەسردە ئۇيغۇرلار چىڭگىز خان بىلەن ھەمكارلاشقان

ئۇيغۇرلار، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋە تىجارەت قىلىشتىكى يوقىرى ماھارىتى بىلەن، بۇ دەۋردىمۇ پارسىيلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئارىسىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا، ئىسلام دىنىنىڭ موڭغۇللارغا كېڭىيىشىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن.

1949‏ – يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنى باشقا بىر دۆلەت ئىدارە قىلالمىغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنى پىلانلىق ھالدا زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇپ، مائارىپ جەھەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىشىنى چەكلەپ، دىنىي جەھەتتە، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ روزى تۇتۇشىغىمۇ ھەر خىل چەكلىمە قويۇپ، ئەركىنلىك بەرمەي، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا ئايلاندۇرماقچى بولدى، خىتاينىڭ مۇشۇ مەقسەتتە يولغا قويغان سىياسەتلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى رابىيە خانىمدىن كۆرگەنلىكىمۇ پاكىتسىز.

يېڭى زېللاندىيىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋاڭنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەبلەر توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ 60 يىل ئىلگىرى مەجبۇرىي بېسىۋىلىنغان شەرقىي تۈركىستان زېمىننىڭ بارلىق ھوقۇقى » باش سېكرىتار » قالپىقى كىيگەن خىتاينڭ چاڭگىلىدا، ئۇ ئارمىيە، ساقچى ۋە تۈرمىنى بىۋاستە باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ياللانما ئىتلار بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىغان بىخەتەرلىك ئىدارىسى ھەمدە ئۇيغۇرلارغا تۆھمەت چاپلايدىغان تەشۋىقات ئورگانلىرىنى باشقۇرىدۇ. شىنجاڭغا مەسئۇل » باش سېكرىتار» نى ھىمايە قىلىدىغان ئەڭ چوڭ سېكرىتار خۇ جىنتاۋ، ئۇ مىللەتلەر ئىناق ‏- ئىتتىپاق دەپ شۇئار توۋلىغان كىچىك سېكرىتارنى قوللاپ ‏- قۇۋەتلەپ، يۈز بېرىۋاتقان ھەقسىزلىقلەرگە پىسەنت قىلماي كەلمەكتە. نەتىجىدە بۈگۈن بىھۇدە قان ئاقماقتا. بۇنىڭدىن شۇنداق بىر يەكۈن چىقىرىش كېرەككى، ئۆچمەنلىك ئۆلۈمنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ئاپتور كونستانتي گېبېرت، پولشالىق بىر تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ ياۋروپا تارىخى ۋە پولشا تارىخى ھەققىدە 10 دىن ئارتۇق كىتاب يازغان. سابىق پولشا مىنىستىرى Tadeusz Mazowiecki گە باش مەسلىھەتچى بولغان.

ئۇنىڭ خىتاينىڭ يېڭى چېگرىىسىدىكى كونا ماجىرا ناملىق ماقالىسى، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يېزىلغان نادىر ماقالىلەردىن بىرىدۇر. ماقالە كورىيە ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تور بەتلىرىگە كۆچۈرۈپ بېسىلغان. ماقالىدە 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ تارىخىي يىلتىزى ۋە كېلچەكتە كۆرۈلىدىغان تەسىرى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالغان.

ئاپتور ماقالىسىدە، ئەسلىدە 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپىدىكى مىللىي ھەرىكەت ئەمەسلىكىنى، پەقەت زۇلۇمغا قارشى نارازىلىق ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت قانلىق شەكىلدە باستۇرۇۋاتقىنى ئۈچۈن، بۇندىن كېيىن بۇ جايدا رادىكال شەكىلدە قارشىلىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىقى يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدە ۋە لاسادا ئۆتكۈزگەن خاتالىقى ئۈچۈن، بۇ جايدىكى خىتاي خەلقىنىڭ كەلگۈسىدە ئاچچىق بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتىدۇ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى رۇسلارنىڭ 1863 ‏- يىلىدىكى پولشا ئىسيانىنى قانلىق باستۇرۇپ نەتىجە قازانمىغانلىقىدىن دەرس ئېلىشقا چاقىرىدۇ.