2009.07.31

مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، سىدىقھاجى روزى ئاساسلىقى مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى بولۇپمۇ 1944 – يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. ئوبزورچى سىدىقھاجى روزىنىڭ يالتا يىغىنى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى مۇخبىرلارنىڭ دىققەت – ئىتىبارىنى تارتقان.
مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا سىدىقھاجى روزىدىن يەنە نېمە سوئاللارنى سورىدى؟ سىدىقھاجى روزى قانداق جاۋاب بەردى؟

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىنى ئويۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى بولغان ياپونىيە كاگوشىما ئۈنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.