خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر ئاي ئاۋستىرالىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى توسۇشقا تىرىشماقتا. خىتاينىڭ ئاۋستىرالىىيىدىكى دىپلوماتىك ۋەكىلى كانبېررا دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى راھەتسىزلىكىنى يەتكۈزگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.07.29

Rabiye-Xanim-Filimi-Aswtiraliyide-305.jpgﺳﯜﺭﻩﺕ، Youtube ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ «ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻫﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻓﯩﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.
ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم پات يېقىندا ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلىپ، 8‏ – ئاۋغۇست كۈنى مىلبورىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاۋستىرالىيە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتنىشىش پىلانى ئاۋستىرالىيىلىك فىلىم رېژىسورى Jeff Danail ئىشلىگەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتىغا ئائىت «مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» دېگەن فىلىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر فىلىم 8 ‏- ئاۋغۇستتىكى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىغا قاتناشتۇرۇلاتتى.

ئاۋستىرالىيە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىنىڭ مەسئۇلى رىچارد مور رابىيە قادىر خانىمنى فىلىم فېستىۋالىغا تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ ۋەقە «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقلار كۈچىيىۋاتقان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» گە رابىيە قادىر خانىمنى «جاۋابكار» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيىتىنى توسۇش ئۈچۈن دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلاردا بولۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم بولسا، ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «ئىرقىي تازىلاش» جىنايىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ب د ت نىڭ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە ئىز دىرەكسىز يوقاپ كەتكەن 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. رابىيە قادىر خانىم بۇ چاقىرىقىنى ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى ياپونىيە دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىگەن.

ئاۋستىرالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيىدىكى باش ئەلچىخانىسى كانبېررا ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيە زىيارىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. «ئاۋستىرالىيە» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە كانبېررادىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىدە بولغانلىقىنى، ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدارنىڭ بۇ خەۋەرنى تۈنۈگۈن مەزكۇر گېزىتكە ئاشكارىلىغانلىقىنى يازدى.

ئاۋستىرالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى بۇ ئەمەلدار مۇنداق دېگەن»: بۇ مەسىلە ئۈستىدە كانبېررا بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدا بىر قانچە قېتىم مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن بىز ئۆز ‏- ئارا مۇزاكىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمايمىز.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيىنى زىيارەت قىلىشىغا شىددەتلىك قارشى چىقىشىدىكى سەۋەبى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيە خەلقىغە ئۈرۈمچىدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاشكارىلايدىغانلىقدۇر، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتىنى تېما قىلغان»مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى» فىلىمنىڭ درېكتورى جون لەۋېس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر چارشەنبە كۈنى مېلبورىنغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ 11 ‏- ئاۋغۇست كۈنى پايتەخت كانبېررادىكى دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبىدا نۇتۇق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن يالغۇز دىپلوماتىك پائالىيەت بىلەن چەكلەنمىگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ مېلبورىندىكى كونسۇلخانىسى ئاۋستىرالىيە خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىنىڭ مەسئۇلى رىچارد مور بىلەن ئالاقىلىشىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ فىلىمىنى فېستىۋالغا قاتناشتۇرماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ تەلىپى قوبۇل قىلىنمىغانلىقى، نەتىجىدە خىتايلارنىڭ مېلبورىندىكى فېستىۋالغا قاتنىشىدىغان 3 خىتاي فىلىمىنى چېكىندۈرۈپ چىققانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋستىرالىيە زىيارىتى، كىنو فېستىۋالى ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسىنى چۆرىدىگەن بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر ئاۋستىرالىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ تالاش – تارتىش يۈز بەرگەن ۋاقىت خىتاينىڭ ئاۋستىرالىيە رىئو تىنتو كان شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە ئەمەلدارى ستېرىن خۇنى قولغا ئېلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خىتاي – ئاۋستىرالىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپ كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا رىئو تىنتو شىركىتىنىڭ ئاۋستىرالىيە تەۋەلىكىدىكى ئىجرائىلىيە ئەمەلدارى ستېرىن خۇ بىلەن يەنە 4 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئالاقىدار گۇمانلار بىلەن قولغا ئالغان ئىدى.