ياپونىيە زىيارىتى ئۈچۈن 27 – ئىيۇل ۋاشىنگىتوندىن ئايرىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەمرىيى بىلەن، 28 – ئىيۇل كۈنى ياپونىيە پايتەختى توكيودىكى نارىتا خەلقئارالىق ئايرودرومغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.28
بېشىغا يارىشىملىق چىمەن دوپپا كىيىۋالغان رابىيە خانىم ياپونىيىدە قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ھەم ياپونلۇقلار شۇنداقلا مۇخبىرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىككىنچى قېتىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇشى، بۇ قېتىم رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە بەش كۈنلۈك پائالىيەت پىلان قىلغان بولۇپ ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلارغا مەدەت بېرىشنى مەقسەت قىلغان پائالىيەتلەردىن باشقا يەنە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ شۇنداقلا ياپونىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاينى بىئارام قىلغان بولۇپ، تۈنۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىڭ گاڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىنىڭ رابىيە قادىرغا ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇشقا يول قويغانلىقىغا قاتتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتايچە نۇر گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 27 – ئىيۇل ياپونىيە تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خىتاينىڭ نارازىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ،» رابىيە خانىمنىڭ ياپونغا قاراتقان زىيارىتى ياپونىيە ‏ – خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ھېچقانداق ئەكس تەسىر ئەكەلمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

بەزى خەۋەر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە دائىرىلىرى رابىيە خانىمنىڭ زىيارەت جەريانىدا بىرەر قەست ياكى خەتەرگە ئۇچراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رابىيە خانىمنىڭ ئۆتكەنكى قېتىملىق زىيارىتىگە ئوخشاش بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان.

رابىيە خانىم ئالدىنقى قېتىم ياپونىيىگە زىيارەت ئۈچۈن بارغىنىدا،خىتاينىڭ رابىيە قادىر خانىمنى نىشان قىلىپ بىر ئۇيغۇر ئايال جاسۇس ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، جاسۇسنىڭ ئىقرارى ئارقىلىق دۇنياغا پاش بولغان ئىدى.