دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دېموكراتىك ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھىندىستان ۋىزا ئىلتىماسىنىڭ رەت بولغانلىق خەۋىرىنىڭ چىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، رابىيە خانىمنىڭ ھېچقاچان ھىندىستانغا ۋىزا ئىلتىماسى سۇنمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.28
بۇنىڭ ئالدىدا، تېلېگراف گېزىتى 25 – ئىيۇل كۈنى، يېڭى دېھلىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمغا ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسى بەرمىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مەزكۇر خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ تىبەت دىنىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى،ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇر ھەم تىبەت مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ھىندىستان زېمىنىدا تۇرۇپ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

ھالبۇكى تېلېگراف گېزىتىدە مەزكۇر خەۋەر مەنبەسى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن بولۇپ، بۈگۈن مەزكۇر ئاساسسىز خەۋەر ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئوچۇق رەت قىلىندى.

ئۇيغۇر داۋاسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇنيا مەتبۇئاتىدا مەركەزلىك ئورۇن تۇتۇۋاتقان ھەم ئېتراپ قىلىنىۋاتقان ئۇشبۇ پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتىدا بىر تەرەپتىن «رابىيە قادىرغا دۇنيادا ھېچكىم كۆز قىرىنى سالمايدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تارقىتىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتىگە ئىشىك ئاچقان دۆلەتلەرگە دىپلوماتىك يوللار بىلەن بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ زىيارەت پائالىيەتلىرىگە داۋاملىق تۈردە توسقۇنلۇق قىلىشقا ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى مۇۋەپپەقىيەتسىز بولۇپ كەلدى.

بۈگۈن ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شۇ خىل بېسىمىغا پىسەنت قىلماي رابىيە قادىر خانىمنىڭ زىيارىتىگە ئىككىنچى قېتىم ئىشىك ئاچتى.

5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلار ھەم ئۇيغۇر داۋاسىغا بولغان ھېسداشلىقى يەنىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ،يېقىندىن بۇيان يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر، خەلقئارالىق داڭلىق ئاخبارات ئورگانلىرى ھەم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى مەخسۇس زىيارەت ھەم سۆھبەتلەرگە رەسمىي تۈردە تەكلىپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.