خەلقئارادا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر، خىتاينىڭ دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 5 ‏ – ئاينىڭ 10 ‏ – كۈنىدىن باشلاپ جەمئىيەتنى تىنچلاندۇرۇش مەقسىتىدە ›مۇقىملىقنى ساقلاش‹ دېگەن نام بىلەن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ چەتئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئىپادىلىرىنى خەۋەر قىلىۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.12

xujintaw-olimpik-harpisi-305ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ 2008 – ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻟﯩﻤﭙﯩﻚ ﻫﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ.
خىتاينىڭ، ئۆزىنىڭ ›باش كۆتۈرگەن’لىكىنى جاكارلاش ئۈچۈن ›دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش‹ دېگەن نامدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ يىلقى چوڭ پائالىيىتى، تىبەتلەرنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى60 يىللىق كۆرەش مۇساپىسىنى خاتىرىلەيدىغان پائالىيەتلىرى، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ 4 ‏ – ئىيون دېموكراتىك ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان پائالىيەتلىرى، فالۇنگوڭچىلارنىڭ جۇڭنەنخەينى مۇھاسىرىگە ئالغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان پائالىيەتلىرىگە توغرا كەلگەن ئىدى.

شۇڭلاشقا خىتاي 5 ‏ – ئاينىڭ 10 ‏ – كۈنىدىن باشلاپ ›مۇقىملىقنى ساقلاش‹ دېگەن نام بىلەن جەمئىيەتنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل چوڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ ھەرىكەتنى ›گۇرۇھلارغا زەربە بېرىش، قاچقۇنلارغا زەربە بېرىش، ئوغرى – قاراقچىلارغا، ساختىپەزلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى‹ دەپ ئاتىماقتا.

خەلقئارا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ھازىر خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن چوڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا قارىتا چەتئەللەرنىڭ ئىنكاسلىرىنىخەۋەر قىلىۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە مەشقىدىن كېيىن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر خىتايدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرماقتا

›گۇاڭجۇ گېزىتى‹ نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، بۇ يىل 3 ‏ – ئايدا ، خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئالدى بىلەن ھەربىي كۆرەك ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا دېڭىزدا بەش قېتىم پاراخوت ۋەقەسى يۈز بەردى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەردە ھېچقانداق مەسىلە ھەل قىلىنماي كېلىۋاتىدۇ. سۆھبەتتە، ئامېرىكا تەرەپ خىتاينى ›خەلقئارا دېڭىز قانۇنى’غا خىلاپلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلىسە، خىتاي تېخىچە ئۆزى بەلگىلىۋالغان ›قانۇن’نى خەلقئارا قانۇندىن يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇنداق ئىپادىلىرىگە قاراپ، ھىنىدستان، ۋېيتنام، فىلىپىن، مالايشىيا، ھىندونېزىيە، ياپونىيىلەر، ھەتتا ئاۋسترالىيىمۇ ھازىر ، خىتاينى ئۆزلىرىگە تەھدىت دەپ ھېسابلاپ، خىتاينىڭ تەھدىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىنى تېز سۈرئەت بىلەن ئاشۇرۇشقا باشلىدى.

خىتاي بۈگۈن ب د ت غا ›دېڭىزدىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىمىز مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ‹ دەپ جاكارلىدى

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى مول تەبىئىي بايلىق ساقلىنىپ ياتقان ئاراللار مەسىلىسىدە، كۈندىن – كۈنگە جىددىي تۈس ئېلىۋاتقان مۇنازىرىلەرگە قارىتا، ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە ›ئاراللار مەسىلىسىدە بىز بىلەن مۇنازىرە قىلىشتىن ۋاز كىچىشى كېرەك‹ دەپ ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپلا قالماي، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ ›بىزنىڭ ئاراللار مەسىلىسىدىكى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىمىز مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ‹ دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي، تەيۋەن، ۋېيتنام، فىلىپىن، ياپونىيە، مالايشىيا، بۇرۇنېي قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ شەرقىي، جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارغا قارىتا تولۇق ياكى قىسمەن ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى جاكارلاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل 3 ‏ – ئايدا، مالايشىيا باش مىنسىتىرى بىر ئارالغا بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، يېقىندا ب د ت جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى بۇيىچە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ يۈزمۇ – يۈز مۇنازىرە قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەييارلىق كۆرىۋاتقان ئىدى. خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ما چاۋشۈ بۈگۈنكى باياناتىدا ب د ت غا قارىتا ›جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللارغا بولغان ھوقۇقىنى بىۋاستە ئىجرا قىلىۋىرىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا ھېچقانداق مۇنازىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ‹ دەپ جاكارلىدى.

خىتاي ھازىر ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرنى چوشقا زۇكامىدىن پايدىلىنىپ كەمسىتىۋاتىدۇ

دۇنيادا چوشقا زۇكامى تارالغاندىن كېيىن، باشقا دۆلەتلەر ئۇنى بايقاشقا، بايقالغاننى داۋالاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بولسا خىتايغا ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىكلەرنى چوشقا زۇكلامىدىن پايدىلىنىپ كەمسىتىۋاتىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن غەربىي شىمال ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ توكيو ئارقىلىق چېڭدۇغا بارىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى 233 نەپەر چەتئەللىك يولۇچىغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلە قىلغان.

خىتاي ھازىر ئامېرىكىلىق خىتايلارغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ فىلىدېفىيە شەھىرىدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت قۇرغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن جەمئىيەتنى تىنجىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغاندىن كېيىن، يېقىندا يەنە ئامېرىكىلىق خىتاي مۇتەخەسسىسلەرگە ۋە شىركەتچىلەرگە، بولۇپمۇ بوستۇن، نيۇيورك، فىلىدېفىيە شەھەرلىرىدىكى تەيۋەنلىك، فۇجيەنلىك ئامېرىكا پۇقرالىرىغا بىۋاستە تېلېفون ئارقىلىق ›سىنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭ بىزدە، بۇنى ئەستىن چىقارما‹ دەپ تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر چەتئەللەردە تۇرۇۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتتىكى ئۇرۇق ‏ – تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشىشىنىمۇ قاتتىق چەكلەۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئىسپانىيە سوتچىسى ۋاڭ لېچۇەننى تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى

›شىنجاڭ شەھەر گېزىتى‹ نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يەنە 100 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە، گېرمانىيە، ئىسپانىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە ، ئىسپانىيە سوتچىسى ساندىياگو پەدرا ئۇيغۇرلارغا، تېبەتلەرگە قارىتا قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان 8 نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ ئەيىبلەپ، بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنى خەلقئارادا تۇتۇش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ سەككىز جىنايەت گۇماندارىنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان ›مىڭپاۋ گېزىتى‹ بۈگۈن ، ئۇيغۇرلارغا قارشى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ۋاڭ لېچۇەن تۈرمىگە تاشلاپ، قېيىن – قىستاققا ئېلىپ، ئىككى يۈز مىليون يۇەنلىك مۈلكىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىر دۇنيادا تارقىلىۋاتقان ›ئەجدەرھا بىلەن ئېلىشىۋاتقان ئايال‹ ناملىق تەرجىمە ھالىنىڭ ئىنگىلىزچە، گېرمانچە، ياپونچە، ئىتالىيىچە نەشر قىلىنغان نۇسخىلىرىنى تونۇشتۇردى.