2007.12.28

2007 – يىلنى ئۇزۇتۇپ، 2008 - يېڭى يىل دەرۋازىسىدىن ئاتلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا بۇ بىر يىل قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلدى.
ئۇيغۇرلار شۇنداقلا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى 2008 – يىلىدىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىنماي پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەمنۇنلۇق بىلەن جاۋاب بېرىپ، 2007 – يىلى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى خەلقئارالىق سەۋىيىگە يەتكەن نەتىجىلىك بىر يىل بولدى دەپ، سىياسىي سەھنىدە ئۆزى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇتۇق دەپ ھېس قىلغان چوڭ ۋەقە ھەم نەتىجىلەرنى تىلغا ئالدى ھەم يېڭى يىلدا ئۇيغۇر خەلقىگە ئۈمىدلىك تىلەكلەرنى تىلىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.