2007.12.11

رابىيە قادىر خانىم 2007 – يىلى 6 – ئايدا، پراگدا ئېچىلغان يىغىندىكى ياۋروپالىق ھەر ساھە يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن بىرگە. UAA Photo
ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۆتكەن جۈمە، 2007 – يىلى 7 – دېكابىر كۈنى، بېلگىيە زىيارىتى داۋامىدا ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلارغا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى.
رابىيە قادىر خانىم دۈشەنبە كۈنى، شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىگە كېلىپ، ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارى مانفېرد نوۋاك بىلەن ئۇچراشقان شۇنداقلا كېڭەشتىكى باشقا مەسئۇل دائىرىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.