2007.11.15
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە » قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنى قەدەممۇ - قەدەم ھالدا چوڭقۇر ھەم كۈچلۈك ئېلىپ بارماقتا. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ھەمدە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە ئومۇميۈزلۈك ھالدا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان مەخسۇس مەبلەغ ھەم كۈچ ئاجرىتىپ يەسلى مائارىپىنىڭ قوش تىللىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقتا. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان يەتتە ۋىلايەت ۋە ئوبلاست دائىرىسىدىكى يېزا – قىشلاقلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان 122 مىڭ 939 نەپەر ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتايچە ئوقۇتۇشنى پىلانلاپ، بالىلار باغچىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپى ئۈچۈن 70مىليون 390 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. تېخى ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارنىڭمۇ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئوبيېكتى قىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە.
ئاتا-ئانىلار تېڭىرقىماقتا
بالىلارنى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتامدۇق ياكى ئۇيغۇرچە مەكتەپتىمۇ؟ دېگەن سوئال، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپىنى يۈرگۈزگەندىن بۇيان ئەڭ كۆپ تالاش -تارتىش قوزغاۋاتقان مەسىلە.
مەزكۇر مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا بالىلار باغچىلىرىدىمۇ قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىن بىر تېمىغا ئايلانماقتا.چۈنكى باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن تارتىپ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا ھەممە دەرسلەرنى خىتايچە ئاڭلاشقا مەجبۇر بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى ئاتا-ئانىلارمۇ بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە دەرس قوبۇل قىلىشتا قىينىلىپ قالماسلىقىنى ئويلاپ، ئۇلارنى تىلى چىقماي تۇرۇپلا خىتايچە يەسلىلەرگە بېرىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما سەبىي بالىلىرىنىڭ خىتايچە مائارىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى،تۈرلۈك پىسخىكا ھەم تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى بىنورمال ھالەتلىرى ئۇلاردا ئەندىشە قوزغىغان.
ئۇيغۇر ئېلى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇنازىرە تور بەتلىرىدىمۇ مائارىپ تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇلاھىزىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە مىللىي مائارىپنى بەربات قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئانا تىلىنى مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان شەكلى ئۆزگەرگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتسىمۇ، ئەمما يەنىلا كۆپ ساندىكى كىشىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق ھەم قەدەم باسقۇچلۇق كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە ئامالسىز ماسلاشماقتا ئىكەن.
ئەمدى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تىلى كىچىكىدىن خىتايچە چىقامدۇ؟
چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2002 – يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئالىي مەكتەپلەردىن تارتىپ مەجبۇرىي يۈرگۈزۈشكە باشلىغان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، بارا - بارا ئوتتۇرا ھەم باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا رەسمىيلىشىپ بولغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس مەبلەغ ھەم كۈچ ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نوپۇسنىڭ %90 تىن يۇقىرى نىسبىتىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان يېزىلاردىمۇ مەخسۇس قوش تىللىق يەسلىلەر قۇرۇپ ئۇيغۇر بالىلارنى كىچىكىدىن خىتاي تىلى ھەم مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەشنىڭ ئاساسىنى قۇرماقتا.
ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 2007 – يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق ئۇيغۇر تولۇق ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل -ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا ھەممە دەرسلىرى بىردەك خىتايچە ئۆتۈلۈۋاتقان ئىكەن.
ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ نازارىتى ھەم مائارىپ نەشرىياتلىرىغا ئۇقتۇرۇش چۈشكەن بولۇپ، 2011- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا چىقىرىۋاتقان دەرسلىك كىتابلار پۈتۈنلەي بېسىلىشتىن توختايدىكەن. دېمەك ئەگەر بۇ ئۇچۇر راس بولسا، شۇ يىلغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدە مائارىپنى پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇپ بولۇشنى پىلانلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
«قوش تىللىق» مائارىپ ئەمەلىيەتتە » خىتايچە مائارىپ» تىن ئىبارەت بىر تىللىق مائارىپ
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلمىدىڭ دېگەن باھانە بىلەن دەرس مۇنبىرىدىن قوغلانغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن قوش تىللىق مائارىپنىڭ يېزا مەكتەپ ھەتتا بالىلار باغچىلىرىغىچە قانداق يوسۇندا كېڭەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق.
تور بەتلەردە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بەزى ئۇيغۇرلار :» بالىلىرىمىز ئۇيغۇرچە ئوقۇمىسا ئۇيغۇر مەكتەپلەر يوقىلىدۇ، ئۇيغۇر مەكتەپلەر يوقالسا ئۇيغۇر مائارىپى يوقىلىدۇ، ئۇيغۇر مائارىپى يوقالسا ئۇيغۇر تىلى يوقىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى يوقالسا ئۇيغۇر يوقايدۇ، مانا بۇ تەدرىجىي تەرەققىيات» دېگەندەك ئىنكاسلارنى قىلغان.
خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىن نارازى بولغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئورتاق كۆز قارىشى دەل مۇشۇ ئېيتىلغان ئاتالمىش تەدرىجى تەرەققىيات خىتاينىڭ تۈپ مەقسىدى يەنى ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلى ھەم مەدەنىيەتتىن مەھرۇم قىلىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى تېزلىتىش. ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ھەم زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، بالىلار مائارىپى ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، ئەگەر تىلى ئەمدى چىقىۋاتقان، تەپەككۈر قىلىشى يېتىلىۋاتقان بالىلار مۇرەككەپ تىل مۇھىتىدا يېتىلگەندە ئۇلارنىڭ ھەر قانداق بىر تىلنى ئۆگىنىشى، شۇ تىلنى ئىشلىتىشى توسالغۇغا ئۇچراپ قالماي، تەپەككۇرىمۇ ئېچىلمايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئانا تىلىدىن يات بىر تىل مۇھىتىغا مەجبۇرلىنىشى ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا بالىلارنى يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ خىتايچە تەربىيىلەش يەنىمۇ كۈچلۈك تەنقىد ھەم نارازىلىقنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. (گۈلچېھرە)