2007.09.06
1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان خاتىرە كۈنى.
گەرچە، بۇ ۋەقەگە 58 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇيغۇرلار تاكى ھازىرغىچە ئۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلدى. ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە قىياسلار مەۋجۇتتۇر.
بىر قىسىم تارىخىي شاھىدلار، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرىنى ھەل قىلىش مەيدانىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ستالىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ تەپسىلى مەلۇماتىنى سۇنىمىز.