2007.08.28

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىم، خىتايدىن دىپلوماتىك زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان قارشى پىكىردىكى 4 نەپەر ئاخباراتچى ۋە بىر قىسىم ھۆكۈمەت كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ساھەلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

«گېرمانىيە دۇنياسى» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تور بېتىدە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىش گېرمانىيىنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدە بېرىلگەن سىگنالى ئىكەن.

سەيشەنبە كۈنى مېركېل خانىم خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەجەللىك مەسىلە» دەپ كۆرسەتتى ۋە » بىز دائىم كىشىلىك ھوقۇق دېگەن ئاتالغۇنى ئابستراكت رەۋىشتە ئىشلىتىمىز. بۇ ئاتالغۇنى يېشىپ چۈشەندۈرسەك، بىر شەخسىنىڭ قەدىر قىممىتىنى تارتىۋالغىلى بولمايدۇ. ھېچكىمنىڭ، بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمنىڭ بېشىغا دەسسىتىدىغان ھوقۇقى يوق، دېگەنلىكتۇر» دېدى.

ئۇ يەنە بۇ ھوقۇقلارنىڭ چوقۇم دىنىي ئەركىنلىك، ئاخبارات ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مېركېل خانىم بىر قىسىم قارشى پىكىردىكى خىتاي ئاخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى يىغىندىن بۇرۇن مېركېل خانىم يەنە، ئۆتكەن يىلى يانۋاردا ئىشتىن بوشىتىۋېتىلگەن «مۇزلاش نۇقتىسى» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى لى داتۇڭ قاتارلىق 4 نەپەر مۇخبىر ۋە يازغۇچىلار بىلەن كۆرۈشكەن.

«مۇزلاش نۇقتىسى» ھەپتىلىك ژۇرنىلى خىتاي ياشلىرى گېزىتىنىڭ تارمىقىدا بولۇپ، 1994- يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلغان. مەزكۇر ژۇرنال يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى ۋە پىكىردىكى ئۆتكۈرلۈكى بىلەن خىتاي زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئەمما 2006- يىلى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى تەشۋىقات مىنىستىرلىكى تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ بۇ ژۇرنالنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان. گەرچە «مۇزلاش نۇقتىسى» ژۇرنىلىنى بىر ئايدىن كىيىن قايتا تارتىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن، باش مۇھەررىر لى داتۇڭ ۋە مۇئاۋىن مۇھەررىر لۇ يۆگاڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

لى داتۇڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مېركېل خانىمنىڭ بۇ تۆت نەپەر قارشى پىكىردىكى ئاخبارات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈشى، مېركېل خانىمنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيە قەدىمى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلەيدىكەن.

سابىق سوتسىيالىستىك شەرقىي گېرمانىيىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مېركېل خانىمدەك بىر دۆلەت ئەربابىنىڭ دېموكراتىيە بولمىغان ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ھاياتنى ئوبدان چۈشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان لى داتۇڭ: «ئۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. بۇ جەھەتتە، باشقا غەرب ئەللىرى باشلىقلىرىغا قارىغاندا ئۇنىڭ چۈشەنچىسى چوڭقۇرراق» دېدى.

مېركېل خانىم يەنە، لى داتۇڭدىن باشقا، ئىنتېرنېتتا ماقال ئېلان قىلىپ تونۇلغان جاۋ مۇ، داڭلىق فوتوگراف خې يەنگۇاڭ، ئاخباراتچىلىق پروفېسسورى جاڭ جياڭ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.

مېركېل خانىم: » دۇنيا خىتاينى يىللاردىن بېرى كۆرۈنۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۈزىتىدۇ»

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا ئېيتقانلىرى قارشى پىكىردىكى خىتاي زىيالىيلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

سابىق ئۇنىۋېرسىتېت پروفېسسورى، خىتايدىكى قارشى پىكىردىكىلەردىن بولغان ليۇ شياۋبو «گېرمانىيە دۇنياسى» ئاگېنتلىقىغا: «ئىلگىرىكى گېرمانىيە رەھبەرلىرىگە قارىغاندا، ئانگېلا مېركېل خانىم بۇ خىل تېمىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرمايدىكەن. نېمە بولسا شۇنى دەيدىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىشلەتكەن بېسىملار كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى» دەيدۇ.

مېركېل خانىم خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى نۇتقىدا، بېيجىڭ ئولىمپىكىنىڭ كۈنسايىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئولىمپىك جەريانىدا دۇنيانىڭ خىتايغا بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان كۆلەمدە نەزەر سالىدىغانلىقى بىلدۈرۈپ: » دۇنيا خىتاينى يىللاردىن بېرى كۆرۈنۈپ باقمىغان دەرىجىدە كۆرىدۇ» دېدى ۋە » ئەلۋەتتە نەزەر تاشلىنىدىغان ئىشلارنىڭ ئىچىدە، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە سۆز-پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە خىتايدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىمۇ بار» دەپ ئېيتتى.

مېركېل خانىم خىتاينى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا قىستىدى

ئۇنىڭ نۇتقىدا يەنە، خىتاي- گېرمان مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار ۋە مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىندى.

مېركېل خانىم 26 – ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى خىتايغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى خىتاي رەھبەرلىرىدىن خۇ جىنتاۋ، ۋېن جىياباۋ، ۋۇ باڭگو قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە، خىتاينى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا قىستىغان ۋە دارفۇر مەسىلىسىدە سۇدان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ دارفۇردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تېزرەك ئاياغلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىرغان. گېرمانىيە دۇنياسى ئاخبارات تورىدا كۆرسىتىشىچە، مېركېل خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز پۇقرالىرىغا قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاخبارات ئەركىنلىكنى بېرىشكە قىستىغانلىقى مەلۇم.

ئۇ شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن خىتاي زىيارىتىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە، بېيجىڭدىن نەنجىڭگە قاراپ يولغا چىققان. مېركېل خانىم خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كىيىن 29- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ياپونىيىگە بارىدۇ ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. (جۈمە)