2007.06.07
5- ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش پراگا شەھىرىدە، مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان ئىدى. بۈگۈن، بۇنىڭغا نىسبەتەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىترىلىكى بايانات ئىلان قىلىپ «ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق.» دېدى.
ئەمما دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، «ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۆلەت چېكى بولمايدۇ» دەپ ئېيتىپ، خىتاينىڭ باياناتىغا قارشى ئىنكاس بىلدۈردى.
بۇ ئۇچرىشىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگا شەھىرىدە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلىشى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولغانلىقىنىڭ، ئۇيغۇر سىياسى كۈرەشلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
گېرمانىيىدە ئېچىلىدىغان سانائەتلەشكەن 8 دۆلەت ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپاغا كەلگەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 5- ئىيۇن، پراگا شەھىرىدە دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىك باش تېما قىلىنغان خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى ھەم ئۆز نۇقتىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ: » مەن بۈگۈن كۆرۈشمەكچى بولغان يەنە بىر ئىسيانكار بولسا، ئوغۇللىرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان، خىتايدىن كەلگەن رابىيە قادىر » دېدى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۈرەشلىرىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت بۇش يەنە: » رابىيە قادىرغا ئوخشاش ئەر -ئاياللارنىڭ تالانتى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ زور بايلىقى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراقلىرى ۋە ياكى يەر ئاستىدىكى نېفىتلىرىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر» دېگەن ۋە » ئامېرىكا سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى تۇنجۇقتۇرۇۋاتقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى، بۇنداق باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى دەرھال ئاياقلاشتۇرۇشقا، ئۆز خەلقىغە ئىشىنىشكە ۋە پۇقرالىرىغا تېگىشلىك ئەركىنلىكنى بېرىشكە چاقىرىدۇ» دەپ خىتاب قىلغان ئىدى.
بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن زور تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رېشىت، جورج بۇشنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قوبۇل قىلغانلىقىغا نىسبەتەن، دۇنيا مىقياسىدىكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ئىنكاسىى
ئەمما، 7- ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىن چاقىرىپ، » ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق. بىز ئامېرىكىنىڭ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز.» دەپ پرېزىدېنت بۇشنىڭ رابىيە خانىمنى قوبۇل قىلغانلىقىغا نىسبەتەن نارازىلىق بىلدۈردى.
ھالبۇكى،بۇش پراگا شەھىرىدىكى نۇتقىدا يەنە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھاتىنى ئەيىبلەپ: «خىتاي سىياسىي تۈزۈلمىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بارماي تۇرۇپ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭغا قوشۇلمايمىز » دېگەن ئىدى.
ئەمما، خىتاي باياناتچىسى جياڭ يۆ، بۇشنىڭ بۇ بايانلىرىغا بىۋاستە ئىنكاس قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە «خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن، ئىجتىمائىي مۇقىملىقتىن، ۋە دېموكراتىيە ھەم قانۇنىي جەھەتتىكى مۇھىم تەرەققىياتلاردىن بەھرىمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى» ئەسكەرتىپ، «خىتاي پۇقرالىرى قانۇنغا ئاساسەن ھەرخىل كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىدىن بەھرىمان بولۇپ كەلمەكتە،» دېدى.
كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشى قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس
بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەت قانداقتۇر بىر دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشى بولماستىن بەلكى خەلقئارا دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ كۆرسەتتى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى يەنە «مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن ئەمەسلىكىنى» تەكىتلىدى ۋە خىتاينىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبنىڭ يەنىلا ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەم دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن سەۋەب ئىزلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىلشات رېشىت يەنە، ئىلگىرى ئامېرىكا رابىيە قادىر خانىمنى خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك بىر بۇلۇڭىدا ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇرلاردەك بىر بىچارە خەلقنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن بولسا، جورج بۇشنىڭ بۇ قېتىملىق پراگا نۇتقى، ئامېرىكىدەك يۈكسەك بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي كۈرەشلىرىنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىغانلىقىنى، ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرىگە تېخىمۇ زور ئۈمىد شۇنىڭدەك بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.(جۈمە)