2007.04.20
خىتاي را بىيە قادىرنىڭ ئوغلىغا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى
خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى 17-ئاپرىل كۈنى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېيىمنى، «ئىنتېرنېت تورىدا بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان ماقالىلارنى تارقاتقان، ئاممىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىشقا قۇتراتقان، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلارنى يازغان» دېگەن «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلەپ، 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق بىر قىسىم ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. بۇ ۋەقە يەنە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھىم ئۇچۇر نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلىكىم ئابدۇرېيىمنى 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ ، خىتاي رەھبەرلىرىنى ئابلىكىم ئابدۇرېيىمگە شۇنداقلا ئالىم ئابدۇرېيىم ۋە قاھار ئابدۇرېيىملەرگە ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشكە چاقىرغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى رابىيە قادىرنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئالىم ئابدۇرېيىممۇ يەتتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
خىتاي كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
ئۆتكەن يىلى ئۆز بېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا تۇتۇپ بېرىلگەن كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ئاخىرى خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن 19-ئاپرىل كۈنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ئوخشاشلا خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە كانادا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇلاھىزىلەر مەيدانغا چىقتى.
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر ماككېي بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتاۋادا بەرگەن باياناتىدا، «ھۈسەيىن جېلىلنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى» دەپ بىلدۈرگەن. خىتاي، كانادانى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىگە ئارىلاشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
ئۇيغۇر 12 مۇقامى ۋە دولان مۇقامى پارىزدا ئورۇنلاندى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەن – مەدەنىيەت، مائارىپ ئورگىنى يېقىندا، فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدا «مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى قوغدايلى » دېگەن تېمىدا سەنئەت مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغان.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇقام سەنئەتكارلىرى ئىشتىراك قىلىپ، دولان مۇقامى ۋە 12 مۇقاملارنى ئورۇنلاپ، زور ئالقىشقا سازاۋەر بولغان. دولان مۇقامچىلىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پارىژ قاتارلىق جايلاردا ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى.
ئامېرىكىدىكى قىرغىنچىلىق ۋەقەسى
16-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن بىر كورىيىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ 32 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشتەك قىرغىنچىلىق ۋەقەسى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئامېرىكىدا ۋە خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. 23 ياشلىق چوۋ سېڭخۇي ئىسىملىك بۇ قاتىل 32 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئون نەچچە ئادەمنى يارىدار قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئېتىۋا لغان.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە ھەر كۈنى مۇھىم تېما ئۈستىدە ئۇچۇر بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن بۇنداق جىنايەت يولىغا ماڭغانلىقى تەكشۈرۈلمەكتە، چۈنكى ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ئۆزىنىڭ 40 نەچچە پارچە سۈرىتى ۋە ۋىدېيو لېنتىسىنى پوچتا ئارقىلىق دۆلەتلىك ن ب س تېلېۋىزىيە شىركىتىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن ئىكەن.
نۆۋەتتە يەنە، چوۋ سېڭخۇينىڭ روھى كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇنداق ساۋاقداشلىرىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن . ۋەقەدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنى تەنقىد قىلغان ، كورىيە ھۆكۈمىتى بولسا، قازاغا ئۇچرىغانلارغا ئۆز تەزىيىسىنى بىلدۈرگەن.
نازاربايېف ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلەشتۈرۈشنى يەنە ئوتتۇرىغا قويدى
يېقىندا قازاقىستان رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئوتتۇرا ئاسىيانى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خۇددى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش بىر سىياسىي، ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدە قۇرۇش ئارقىلىق رايوننىڭ گۈللىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى قايتا تەشەببۇس قىلدى.
نازاربايېفنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن . نازاربايېف ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىر ئىتتىپاققا ئۇيۇشسا، يېمەك-ئىچمەك، ئېنېرگىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئۆزىنى تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قازاقىستان تەرەپ، بۇ ئىتتىپاقنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، گۈللىنىشىنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە.
ئامېرىكا – ياپونىيە – ھىندىستان 3 دۆلەت بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئېلىپ باردى
ئامېرىكا – ياپونىيە – ھىندىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكەن ھەپتىدە ئۆتكۈزۈلدى . فرا نسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھېچقايسىسى مەزكۇر ھەربىي مەشىقنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
ئامېرىكا -خىتاي ۋە ھىندىستاننىڭ بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ھىندى ئوكيان ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدا مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ھىندى ئوكيان رايونىغا چىقىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
قىرغىزىستاندا ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشلىرى داۋاملاشتى
قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان داۋاملاشماقتا. ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ ، بىشكەك قاتارلىق جايلاردىكى نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا ، 19-ئاپرىل كۈنى بىشكەك ساقچى دائىرىلىرى ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنى ئېتىش ئارقىلىق نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەن ھەمدە ئۆكتىچى رەھبىرى قۇلوپقا بېسىم ئىشلەتكەن. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، قۇلوپ بىلەن پرېزىدېنت باقىيېۋ ئارىسىدا ئۇچرىشىش بولغان ھەمدە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدىن ساقلىنىش تەشەببۇس قىلىنغان. (ئۈمىدۋار)