2007.04.13
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 62 يىللىقى
1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 8-ئاپرىل كۈنى رەسمىي مەيدانغا كەلگەن.
ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پارتىزانلىق دەۋرىدىن تارتىپ، تاكى ئاخىرىغىچە جەمىي 9 قېتىم چوڭ كۆلەملىك جەڭ، 36 قېتىم ئوتتۇرا دەرىجىلىك جەڭ قىلىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان، بەش مىڭغا يېقىن دۈشمەن ئوفىتسېر ۋە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان..
مىللىي ئارمىيە دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئادەم سانى 15 مىڭ ئەتراپىدا بولغان، 1946-يىلىغا كەلگەندە جەڭچى ئوفىتسېرلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ، ئۈچ يۆنىلۈش بويىچە جەڭ ئېلىپ بارغان. شىمالىي يۆنىلىش تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئازاد قىلغان. ئوتتۇرا يۆنىلىش جىڭ ۋە شىخولاردىكى خىتاي مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ توختىغان. جەنۇبى يۆنىلىش تەڭرى تېغىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ كونا شەھەر، باي قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغان.
خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1949-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا مىللىي ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 2 دىۋىزىيىگە ئايرىلىپ، 13-دىۋىزىيە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا، 14-دىۋىزىيە شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كېيىن بارا-بارا قىسقارتىلىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش گۇرۇپپىسى قۇردى
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ رابىيە قادىرنىڭ قالغان ئىقتىسادىنى ھەمدە مال-مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىغا تېخى يېقىندىلا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن رابىيە قادىرنىڭ چوڭ ئوغلى قاھار ئابدۇرېيىم، مەجبۇرىي يوسۇندا بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىغا قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭ بىر قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ خەلقئارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىدىن ئىنتىقام ئېلىشنى مۇددىئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ھىندىستان يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
ھىندىستان پەيشەنبە، يەنى 12-ئاپرىل كۈنى ئۇتۇقلۇق ھالدا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بومبا خىتاينىڭ شاڭخەي ۋە بېيجىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ بارالايدىكەن. بۇ ئەھۋال خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان شۇنىڭدەك خەلقئارالىق تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيە ھىندىستانغا ئەڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلان سېتىپ بەرگەن. بۇ خىل ۋەزىيەت خىتاي-ھىندىستان-رۇسىيە-ئامېرىكا قايچىلاشما مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى.
ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىشكە باشلىدى
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى بارغانسېرى جىددىيلەشمەكتە. يېقىندا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ ئۈستىدىن رەسمىي ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىنو – فىلىمى، مۇزىكىسى، كىتاب ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ خىتايدا خالىغانچە قانۇنسىز كۆچۈرۈلۈپ سېتىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە چارە-تەدبىر قوللىنىشىنى سورىغان.
خەلقئارا جەمئىيەت، خىتاي-ئامېرىكا سودا مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن خىتاينىڭ ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سودىسىغا نىسبەتەن ھەر خىل ئىنكاسلاردا بولماقتا. خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتىن ئىلگىرى بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئورۇنلىمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. لېكىن خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىنى «يولسىزلىق» دەپ قاراپ كەلدى.
ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغان
ئافغانىستاندىكى تالىبان قالدۇقلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ بۇ دۆلەتنى قايتىدىن ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كەرزەي ئۆتكەن ھەپتىلەردە تالىبان رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن تېخىچە تالىبانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن موللا ئۆمەر ۋە ئافغانىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ رەئىسى گۈلبىددىن ھىكمەتيار قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەن. بىراق، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. مەزكۇر بايانات ئافغانىستاننىڭ ئىچى-تېشىدا جۈملىدىن غەرب دۆلەتلىرىدە ھەيران قالارلىق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. بولۇپمۇ، بۇنىڭ تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەرنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ھازىرغىچە تالىبان قالدۇقلىرى بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ئامېرىكىنى ھەيران قالدۇرغانلىقى مەلۇم. بۇ كۈنلەردە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدا 30 تىن ئارتۇق تالىبان قالدۇقلىرىنى يوقاتقان ئىدى.
ئابدۇساتتار مەۋلىۋى ۋاپات بولدى
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تونۇلغان پېشقەدەم ئالىم ئابدۇساتتار مەۋلىۋى 2007- يىلى 11- ئاپرىل كۈنى سەھەردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددى شەھىرىدىكى دۆلەت ھەربىي دوختۇرخانىسىدا 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. مەرھۇمنىڭ مېيىتى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى «مۇئەللا قەبرىستانلىقى» غا دەپنە قىلىندى. ئابدۇساتتار مەۋلىۋى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىپ، يەرلەشكەن ئۇيغۇر دىنىي ئالىمى، سىياسىي ھەم جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى ئىدى.
ئۇيغۇر مۇقام ئۆمىكى ھازىر ياپونىيىدە
11-ئاپرىل كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ياپونىيىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ياپونىيە باش مىنىستىرى قاتارلىق ئالىي رەھبەرلەر بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان. قىزىق نۇقتا شۇكى، خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ سەپىرى جەريانىدا ئۇيغۇر مۇقام ئۆمىكىمۇ ياپونىيە سەھنىلىرىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە باشلىغان.
خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىن ياپونىيىنى زىيارەت قىلىش سەپىرىگە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ قوشۇلۇشى خەلقئارادا ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى. ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى ياپونىيە-بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇزلاپ قېلىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنى ئېرىتىشتە رول ئوينىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا. (ئۈمىدۋار)