2007.03.25

24- مارت كۈنى كەچتە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى ئارلىڭتون شەھىرىگە جايلاشقان جورجى مەيسون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر پائالىيەتنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق نورۇز خەلقئارالىق ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى فوندى جەمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھوقۇقى بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ يېپىلىشىغا توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر كۇرسقا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ھەم باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە نورۇز شاتلىقىغا چۆمۈشتى.

پائالىيەتنىڭ كىرىشى سۆزىنى سۆزلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كۆپچىلىكنى نورۇز بىلەن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەت –بىر مەقسەتتە مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. مۇراسىمدا يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋەكىلى خانس ئەپەندى سۆزگە چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر خەلقىغە بولغان ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى نورۇز ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تۈس ئالغان نورۇز پائالىيىتى بولۇپ، ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم ئامېرىكىلىق مېھمانلاردىن باشقا يەنە قازاقىستان، تۈركىيە، شىۋىتسىيە، نورۋىگىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە كانادادىن كەلگەن ۋەكىل ھەم مېھمانلارنىڭ تۇنجى قېتىم بىر يەرگە جەم بولۇشى ئىدى.

نورۇز پائالىيىتى ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ھەممە بىردەك ئۇسۇلغا چۈشكەن ھالدا كۆڭۈللۈك ئۆتتى. (ئۈمىدۋار)