2007.03.23

ئۇيغۇر ئاياللىرى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەربىيىسى يىغىنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا غەلىبىلىك ئېچىلدى. يىغىندىن بۇرۇن ۋەكىللەر ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ئامېرىكا كونگرېس ئىشخانا بىناسىنى زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

زىيارەت ئاياغلاشقاندىن كىيىن يىغىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈتىۋېلىش نۇتۇقى بىلەن رەسمىي باشلاندى. يىغىنغا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى رەئىسى رىشات ئابباس رىياسەتچىلىك قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ئامېرىكىغا كېلىپ مەزكۇر يىغىنغا قەدەم تەشرىپ قىلغان بارلىق يىغىن ئەھلىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى رەۋىشتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئاڭلىتىش ۋە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خەلقئارالاشتۇرۇشقا چاقىردى.

يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى خادىمى Mr. Hans Hogrefe، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىدىن Barbara Haig، Mr.T. Kumar، Ms. Louisa Coan Greve قاتارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى قاتناشتى ۋە مۇھىم سوز قىلدى.

يىغىنغا يەنە ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، قازاقىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە،نورۋىگىيە ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە تەكلىپكە بىنائەن يىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللەر ۋە مۇخبىرلار بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. يىغىن ناھايىتى يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلدى. بۇ يىغىن 24- چېسلا يەنە بىر كۇن داۋاملىشىدۇ. يىغىندىن كىيىن نورۇز پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. (جۈمە‏)