2007.03.09
رابىيە قادىر 8-مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلدى
8-مارت كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدۇر، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزگەن. بۇ مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر چەت ئەللەر ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق ئاياللارنى تەبرىكلىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئابلىكىم ئابدۇرېيىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ھەققىدە توختالدى.
باش شىتابى لوندونغا جايلاشقان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 8 – مارت كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ۋە ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 3- ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېيىمنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار ئىكەن.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئابلىكىم ئابدۇرېھىم 2007 يىلى 28- يانۋار يېپىق ھالدا سوتلانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا» دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش»، «مىللىي بۆلگۈنچىلىك»، » رابىيە قادىرغا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش» قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، تەن جازاسى تۈپەيلىدىن، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچارلاشقان بولۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئابلىكىمنىڭ ناچار سالامەتلىك ئەھۋالنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ تۇغدۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى 2006-يىللىق يەر شارى كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلاتنىڭ خىتايغا دائىر 62 بەتلىك قىسمىدا خىتاي، خوڭكوڭ، ماكاۋ ۋە تىبەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئەھۋالى ئايرىم – ئايرىم تىلغا ئېلىندى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتە كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقى ۋە سىياسى ئۆكتىچىلەرنىڭ باستۇرۇلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
دوكلاتتا «دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاتالمىش 3 خىل كۈچلەر، دەپ ئاتىلىدىغان تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى نەزەربەند قىلىش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشنىڭ ھەر خىل مېتودلىرىنى قوللانماقتا» دەپ كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتتا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، جۇڭگو دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردا «تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلىدى ۋە كىشىلەرنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتتى،» دېگەن باھانىلار بىلەن ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسەرلىرىنى ۋەيران قىلغان شۇنداقلا «قەشقەر ئەدەبىياتى» زھورنىلىنىڭ تەھرىرى كۈرەش ھۈسەيىننى 2005 – يىلى مەزكۇر زھورنالدا بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان ھېكايە ئېلان قىلدى، دەپ سولىغان.
ئىسمائىل تىلىۋالدى بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا سۆز قىلدى
3-ئاينىن 9-كۇنى خىتاينىڭ ئىككى يىغىنى جەريانىدا بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتنوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى سۆز قىلغان، ئۇ سۆزىدە شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم،مىللەتلەر ئىتتىپاق بولۇشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن شەرقىي تۈركىستان نامىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بەرگەنلىكى ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىسمائىل تىلىۋالدى سۆزىدە » ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق مۇقىم ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنمەكتە، شەرقىي تۈركىستان تېررورچى كۈچلىرىنىڭ پائالىيەت دائىرىسى بارغانسىرى كىچىكلىمەكتە، چۈنكى ياخشى ئادەملەر بارغانسىرى كۆپىيىپ، يامان ئادەملەر بارغانسىرى ئازلىماقتا » دەپ بىلدۈرگەن. ئەمما، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بېرىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلماقتا.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى ئىككى چوڭ يىغىندا ھاشارنى توختىتىشنى تەلەپ قىلمىدى
بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى چوڭ يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسەتلىرى، داۋالىنىش، مۇھىت، قوش تىللىق ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە تۈرلۈك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىغىن جەريانىدا بىرەر ۋەكىلنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تېخى ھازىرغىچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ھەقسىز ئەمگەك يەنى «ھاشار» مەسىلىسى ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. گەرچە، ئىلگىرى دائىرىلەر ھاشارنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق بىر قىسىم ۋىلايەتلەرنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا بۇ خىل ئەمگەك تۈرلۈك شەكىلدە يەنىلا داۋاملىشىپ، دەھقانلارنى ئازاپلىماقتا ئىكەن.
ئاقسۇدا دىنىي زاتلار سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلەندى
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئەل-جامائەت ئارىسىدا ئىناۋىتى بار 150 نەپەر دىنىي زات يىغىۋېلىنىپ تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلغان. تەربىيىلەش جەريانىدا ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىش ۋە شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى ئىدى دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا شۇنىڭدەك خىتاينىڭ دىنىي ۋە مىللىي سىياسەتلىرى ھەققىدە تەربىيە بېرىلگەن ئىكەن.
ياپونىيە كۆزىتىش سىستېمىلىرىنى كېڭەيتىپ خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە بولغان نازارەتنى كۈچەيتمەكچى
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ توكيودىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىشىنى نىشان قىلغان بىر ئېلېكتىر-ماگىنىتلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ياساپ چىقىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. بۇنىڭدىن توكيونىڭ بېيجىڭنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلار كېڭەيمىچىلىكىگە جىددىي مۇئامىلىدە بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن. چۈنكى خىتاي بۇ يىللىق ھەربىي خامچوتىنى ئۆتكەن يىلىدىكىدىن ئاشۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاسىيا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى تەھدىد ھەس قىلماقتا.
قازاقىستان بىلەن خىتاي سۇ مەسىلىسىدە بىرلىككە كېلەلمىدى
نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 8 - مارت ئالماتادىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە، مەركىزى ئاسىيانىڭ ئېكولوگىيىسى ۋە تەقدىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىندا، قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۇ مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنمىدى. ئىلى دەرياسى مەسىلىسى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى چوڭ مەسىلە بولۇپ، خىتاي ئىلى سۈيىنى بوغۇۋېلىش بىلەن بالقاش كۆلىنىڭ سۈيى ئازلاپ كەتكەن، قازاقىستان كەلگۈسى سۇ مەسىلىسىدىن ئەنسىرەيدىكەن. (ئۈمىدۋار)