2007.02.27

د ئۇ ق پائالىيەتلىرىنىڭ يىلدىن يىلغا جانلىنىپ بېرىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ ئورۇن ئېلىش بىلەن بىرگە، تېخىمۇ كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ئالىملارنىڭ ۋە تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرماقتا.

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياپونلۇق زىيارەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن يېڭى مەسىلە بومىسىمۇ، ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ئۈچۈن ناتونۇش تېما ھالىتىدە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. 2006 – يىلى نويابىردا د ئۇ ق باش كاتىپى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ياپونىيىدە بىر ھەپتە زىيارەتتە بولۇشى، ئۇيغۇر مىللىي ئىرادىسىنىڭ ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى ئارقىلىق ياپونىيە خەلقىگە تونۇلىشىنىڭ يولىنى ئاچقان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق نىڭ بىر ۋەكىلىنىڭ ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بەس مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەر، بۈگۈن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا قىززىق تېمىغا ئايلانغان. ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدە ياپونىيىدىكى داڭلىق گېزىت – ژورناللاردا ئۇيغۇرلارغا ئائىت 10 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، نۆۋەتتىكى تەقدىرى ۋە كېلەچىكى ھەققىدە كەڭ ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

ياپونىيىدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ئاشامى شىمبۇ» گېزىتىنىڭ 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىكى ياپونچە سانىدا د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر گېزىتنىڭ 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىكى ئىنگلىزچە سانىدا يەنە بىر پارچە ئەسەر ئەلان قىلىنغان. بۇ ئەسەرنىڭ نامى „ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىن ئەركىنلىك ئىزدىمەكتە» دەگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ دوپپا كەيگەن ھالدا تارتىلغان سۈرىتى چوڭايتىپ بېرىلگەن.

ئەسەرنىڭ ئاپتورى كاتسۇخىكو شىمىزۇ ئەپەندى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ چەتئەللەردىكى بىردىن ۋەكالەتلىك ئورگىنى بولغان د ئۇ ق ھەققىدە، ئۇنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا قىلغان سۆزلىرى ھەققىدە توختالغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن مەلۇمات بەرگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەرجىمىھالى ئەسەرنىڭ غول بىر سالمىقىنى ئىگىلىگەن.

«ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىن ئەركىنلىك ئىزدىمەكتە» ناملىق بۇ ئەسەردە، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ۋەكىلىنىڭ ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى، بۇ ۋەكىلنىڭ پىكىرلىرى ئارقىلىق ياپونىيە خەلقى ۋە مەتبۇئاتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئاسسىمىلياتسىيىسىگە، خىتاينىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىقىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. شۇنداقلا بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ھەقلىرى، سىياسىي ھەقلىرى، دىنىي ھەقلىرى، ئىقتىسادى ھەقلىرى ۋە باشقا بارلىق زۆرۈر ھەقلىرىنىڭ خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسەردە يەنە ئۇيغۇرلار 11 – سىنتەبىر تەررورلۇق ۋەقەسىدىن ئىلگىرى „بۆلگۈنچى» ئاتىلىپ جازالانغان بولسا، بۈگۈن تەرروچى ئاتىلىپ جازالىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقسىز تۇتقۇن قىلىشلارغا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانلىرىدا ئەغىر جىسمانىي زۇلۇملارغا ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەسەر ئاپتورى كاتسۇخىكو شىمىزۇ ئەپەندى „ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدىن ئەركىنلىك ئىزدىمەكتە» ناملىق ماقالىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىلى ئىككى قېتىم مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرغانلىقىنى، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنە شۇ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى قىستۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە د ئۇ ق نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ فېدېراتسىيە شەكلىدىكى دېموكراتىك بىر تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى، بۇ تەرشكىلاتنىڭ تىنچلىق ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۈرەش قىلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ ھىمايىسىگە تايانغان ئاساستا ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئىزاھلىغان.

ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئائىت بۇنداق خەۋەرلەر بۈگۈنكى كۈندە غەرىپ مەتبۇئاتلىرىدا كۆپ كۆزگە چەلىقماقتا. نۇرغۇنلىغان چەتەللىكلەر د ئۇ ق باش شىتابىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشماقتا.