2006.11.24
«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ 2 – نۆۋەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ۋە مەشھۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى رابىيە قادىر خانىم، قۇرۇلتاي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىندا «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ رەئىسى بولۇپ سايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ قۇرۇلتايغا باش بولۇشى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر جانلىنىش باشقۇچىغا قەدەم قويىدىغانلىقىنى ئۈمىت قىلىشماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپتە چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان مىللىي ھەرىكىتى
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، گەرچە دۇنيادا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.
بەزى تارىخىي مەنبەلەردە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاساسىنىڭ 30 – يىللاردىن ئېتىبارەن سېلىنىشقا باشلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋرىدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق باشلامچىلىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا، مەخمۇت مۇھىدى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ئەينى چاغدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ھىندىستان، كەشمىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ياپونىيە، ئافغانىستان ۋە تۈركىيىلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى تەشكىلى ئاساسىنى تۇرغۇزغان، شۇنداقلا كەشمىر ۋە ياپونىيىلەردە تەسىرى خېلىلا كۈچلۈك بولغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى قۇرۇلغان ئىدى.
مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى
1949 – يىلى شەرقىي تۈركىستان كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى، ئۇلارنىڭ تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ 2 – دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى تۇنجى قۇرۇلتىيى، 1954 – يىلى 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تايفا شەھرىدە چاقىرىلغان بولۇپ، 5 كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا بىلەن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىلەر قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى تەرىپىدىن، «بۇ ئىككى رەھبىرىمىز، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ چەتئەلدىكى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى» دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە ئۇلارغا بۇ ھەقتە يازما سالاھىيەتنامە تەقدىم قىلىنغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىدى:
1. ۋەتەن سىرتىدىكى مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى جانلاندۇرۇش؛ 2. ھۆر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ 3. كوممۇنىست خىتاينىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ھۆر دۇنيا خەلقلىرىگە ئاڭلىتىش؛ 4. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى ھۈر دۇنيادىكى ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتلاردىن خەۋەردار قىلىش؛
مانا شۇندىن بۇيان يۇقىرىقى قارارلار چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىزامىغا ئايلانغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئەلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ زورىيىشى
60 – يىللارنىڭ باشلىرىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن زىيا سەمىدى ۋە ئابدۇروف مەخسۇم باشچىلىقىدىكى نەچچە 100 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ھىجرەت قىلىشى ۋە يەنە ئوخشاش مەزگىللەردە ئابدۇۋەلىخان خوجا باشچىلىقىدىكى نەچچە 100 لىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق تۈركىيىگە كېلىپ يەرلىشىشى بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتى تېخىمۇ زورايغان ئىدى.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنى يېڭى بىر باسقۇچقا يۈزلەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىر ئارىغا كېلىپ، ئۆز ئارا دەرتلىشىش، ئورتاق ستراتېگىيىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىستىكىنى ئاشۇردى.
نەتىجىدە، 1992 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 14 دۆلەتتىن كەلگەن 80 دىن ئارتۇق رەسمىي ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە «شەرقىي تۈركىستان خەلقئارا مىللىي قۇرۇلتىيى» چاقىرىلدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، زىيا سەمىدى، ئابدۇروف مەخسۇم قاتارلىق مىللىي رەھبەرلەرنىڭ ھىمايىسىدە چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئېلىنغان 12 ماددىلىق قارار، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر ھەرىكەت نىزامى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرى
92 – يىلىدىكى ئىستانبۇل قۇرۇلتىيى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە يېڭى بىر جانلىنىش ئېقىمى پەيدا قىلدى. ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئوتتۇرىسىدا دىئالوگ ۋە ھەمكارلىق كۈچەيدى. نەتىجىدە، 1996 – يىلى 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى بىردىن – بىر نوپۇزلۇق ئورگىنى ھېسابلانغان «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نى قۇرۇپ چىقتى. ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى بىر دەۋرىنىڭ رەسمىي باشلىنىشى ئىدى.
1997 – يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن » 5 – فېۋرال » ۋەقەسىدىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەت، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بىر ئېغىزدىن ئاڭلىتىش زۆرۈرىيىتى تۇغدۇردى، نەتىجىدە، 1998 – يىلى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 6 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 8 ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىگە جەم بولۇپ، تۈركىيىدىكى» شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رىياسەتچىلىكىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ مەركەزنىڭ ئاساسى مەقسىتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشتىراكىدا مىللىي قۇرۇلتاي چاقىرىش ۋە يېڭى ستراتېگىيىلەرنى بەلگىلەپ چىقىش ئىدى.
نەتىجىدە، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەركىزى» نىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1999 – يىلى 10 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 11 دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولۇپ، «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» نى قۇرۇپ چىقتى ۋە قۇرۇلتاي تەرىپىدىن ماقۇللانغان 23 ماددىلىق نىزامنامە گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، قۇرۇلتاي قانۇنىي سالاھىيەتكە ئىگە بولدى.
«دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» بىلەن » شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان كۈچلۈك ۋە جانلىق پائالىيەتلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنى قاتتىق ساراسىمىگە سالغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ ئىككى قۇرۇلتاي خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا » مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئىككى چوڭ لاگېرى» دەپ ئاتالغان ئىدى.
بۇ ئىككى قۇرۇلتاينى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ نوپۇزلۇق بىر خەلقئارا ئورگاننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش، ھەق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ، ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى.
نەتىجىدە، 2004 – يىلى 16 – ئاپرىلدىن 19 – ئاپرىلغىچە گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە چاقىرىلغان بىرلەشمە قۇرۇلتايدا، 1996 – يىلى گېرمانىيىدە قۇرۇلغان «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» بىلەن، 1999 – يىلى قۇرۇلغان » شەرقىي تۇركىستان (ئۇيگۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشى نەتىجىسىدە، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن – بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئالى رەھبەرلىك ئورگىنى – «دۇنيا ئۇيگۇر قۇرۇلتىيى» قۇرۇپ چىقىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن، «چەتئەللەردىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئىككى چوڭ لاگېرى» دەپ قارالغان مىللىي قۇرۇلتاي بىلەن ياشلار قۇرۇلتىيى بىر مەركەز ۋە بىر لاگېر ئاستىدا بىرلىشىپ، دۇنيا سىياسى سەھنىلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئۇيگۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ئورتاق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇستەھكەم تەشكىلى ئاساسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى. (پەرھات مۇھەممىدى)