2006.09.04

dalai-doppa.jpg
تىبەت روھانى داھىيسى دالاي لاما 2005 – يىلى 13 – نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى MCI مەركىزىدە 16 مىڭ كىشىگە «يەر شارى تىنچلىقى ۋە مېھرى – شەپقەت» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە، رابىيە قادىر خانىم دالاي لاماغا ئۇيغۇرچە دوپپا كىيدۈرگەن ئىدى. RFA

تىبەتنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لاما 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە كانادانىڭ ۋانكوۋەر شەھىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇ بۇ زىيارەت جەريانىدا كانادا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن پەھرى پۇخرالىق گۇۋاھنامىسى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.

كانادا ئاۋام پالاتاسى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇقراسى سالاھىيىتىنى بېرىشنى تۇلۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىغانىدى. كانادا پارلامېنتنىڭ بۇ ھەركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوغىسىنى قايناتقان ۋە ئۇلار كانادا ھۆكۈمىتىگە رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسى مەسلىھەتچىسى جاڭ ۋېدوڭمۇ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەركىتى كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى داۋاملىق ئېشىپ بېرىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان سالىدۇ، كانادانىڭ ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دالاي لاما بىر مىللى بۆلگۈنچى، شۇڭا ئۇ بۇ شەرەپلىك نامغا مۇناسىپ ئەمەس، دېگەندەك تەھدىت ۋە ئەيىبلەشلەردە بولغانىدى.

ئەگەر دالاي لامانىڭ بۇ زىيارىتى ئەمەلىيلەشسە، ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم كانادانى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدىكەن.

كانادا: دالاي لاما خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان روھانى داھى

دالاي لاما 2004 –يىلى كانادانى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

بۇ قېتىم دالاي لامانىڭ كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان كۆرۈشمەيدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. كانادا دائىرلىرى ئۇنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ سىياسى ۋە تۇسى يوقلىقىنى ئەسكەرمەكتە. كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ قارىشىچە، كانادا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي ۋە تىبەتنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئايال باياناتچىسى كىم گىرتەل: «كانادا سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ئامما كانادا دالاي لامانى ئىنتايىن مۇھىم ۋە خەلقئارادا ئومۇمىيۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشكەن روھانى رەھبەر، دەپ قارايدۇ»، دەيدۇ. دالاي لاما تىبەت خەلقىنىڭ سىياسى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرى ئۈچۈن تىنچلىق يولى بىلەن كۆرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن 1989-يىلى نوبەل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە قارشى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1959-يىلى ھىندىستانغا قېچىپ چىققان دالاي لاماغا، تىبەت خەلقى يەنىلا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتىدۇ.

دالاي لاما يۈكسەك ئاپتونومىيە تەلىپىدە بولماقتا

دالاي لاما تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى بولۇشتىن سىرت بىر سىياسى پائالىيەتچى. ھۈسەيىن جەلىلمۇ سىياسى پائالىيەتچى. دالاي لاما دىنىي ئادەم، ھۈسەيىن جەلىلمۇ دىنىي ئادەم. مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئەگەر بىز بىرقۇر سېلىشتۇرۇپ چىققىنىمىزدا، نىمە ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا پەخرى پۇقرالىق شەرىپىنى ئاتا قىلغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن نىمە ئۈچۈن ھۈسەيىن جەلىلنىڭ مەسىلىسىدە سەل سۇسلۇق ۋە يۇمشاق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىر قۇر مۇلاھىزە قىلىپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

دالاي لاما 90-يىللاردىن باشلاپ مۆتىدىل بولغان، ئوتتۇرا يول سىياسەت تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇ 1993 – يىلى تىبەتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى سىياسى ئاپتونومىيە بېرىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دالاي لاما 1999-يىلىغا كەلگەندىلا تىبەتنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل دۆلەت بولىشى ھەققىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقى، ئامما تىبەت خەلقى رازى بولغىدەك ئاپتونومىيە شەكلىنىڭ بېرىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. لېكىن ئۇ ئىزچىل ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىگە قارىتا يوقىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر كۆپەيمەكتە

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رەسمىي ماتېرىياللىرىغا قارىغاندا، خىتاي كانادانىڭ ئىككىنچى چوڭ سودا ھەمراسى بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 30 مىلياردتىن ئاشىدىكەن.

بۇ يىل 1-ئايدا كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackey نىڭ كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي جاسۇسلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىشى، كانادا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لەي چاڭشىڭنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشى ۋە كانادا باش مىنىستىرى Stephen Harper نىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەنقىت قىلىشى قاتارلىقلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ قاتماللىشىشىغا سەۋەپ بولغانىدى.

كانادادىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئافغانىستانغا ئوخشاش كۆپلىگەن دۆلەتنى زىيارەت قىلغان باش مىنىستىر Stephen Harper ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Peter Mackay خىتايدەك دۆلەتكە بىرەر ئىشكى كابىنېت ئەزاسىنىمۇ ئەۋەتىپ قويمىدى، دەپ كونسېرۋاتىپ پارتىيە ھۆكۈمىتىنى تەنقىت قىلماقتا.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى كانادانى زىيارەت قىلغاندا، كانادا باش مىنىستىرى بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئورتاق ھەركەت ئېلىپ بېرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

دالاي لامانىڭ كانادا زىيارىتى ھۈسەيىن جەلىل مەسىلىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

كانادا خىتاي مۇناسىۋەتلىرى سۈركىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ئىكەن، دالاي لامانىڭ كانادانى زىيارەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىقى بېرىلىشى، ھازىر كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلە بولۇپ قالغان، خىتايدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جەلىل مەسىلىسىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

بۇ ھەقتە كانادادىكى شائىر ۋە سىياسى ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ مەسىلىسىنى مۇنداق تەھلىل قىلىپ كۆرسەكمۇ بولىدۇ. لاي چاڭشىڭ مەسىلىسى، بۇنىڭ كەينىدىن ھۈسەيىن جەلىل مەسىلىسى، ئەمدى مانا دالاي لامانىڭ كانادا پەخرى پۇقرالىقىنى ئالغانلىق مەسىلىسى. مېنىڭچە، كانادا خىتاي ئوتتۇرىسىدا قانداقتۇر بىر خىل ئىچكى ۋە يوشۇرۇن سۈركىلىشنىڭ بارلىقىنى ھەس قىلغىلى بولامدۇ، دېگەن سۇئال كېلىپ چىقىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرىپى. مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، دالاي لامانىڭ كانادا پەخرى پۇقرالىقىغا ئېرىشىشى يەنە بىر خىل ئويلىنىشنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ كانادا دالاي لاما بىلەن ھۈسەيىن جېلىل ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرمىنىمۇ ھاسىل قىلىپ قويغان بولىدۇ. دالاي لاما تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى بولۇشتىن سىرت بىر سىياسى پائالىيەتچى. ھۈسەيىن جەلىلمۇ سىياسى پائالىيەتچى. دالاي لاما دىنىي ئادەم، ھۈسەيىن جەلىلمۇ دىنىي ئادەم. مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئەگەر بىز بىرقۇر سېلىشتۇرۇپ چىققىنىمىزدا، نىمە ئۈچۈن كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لاماغا پەخرى پۇقرالىق شەرىپىنى ئاتا قىلغانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن نىمە ئۈچۈن ھۈسەيىن جەلىلنىڭ مەسىلىسىدە سەل سۇسلۇق ۋە يۇمشاق سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىر قۇر مۇلاھىزە قىلىپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن دالاي لاماغا بېرىلگەن بۇ شەرەپ مېنىڭچە، ھۈسەيىن جەلىل مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ كانادادىن تەلەپ قىلىۋاتقان لەي چاڭشىڭ مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ دېگەن بىز ئالدىدا ئويلاشقان مەسىللەرگە بېرىپ تاقىلىشى مۇمكىن.

غەرپ دۆلەتلىرى نىمە ئۈچۈن تىبەت مەسىلىسىگە ئالاھىدە قىزىقىش بىلدۈرىدۇ؟

غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى تىبەتلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ بىر بىرىگە يېقىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇنداقتا غەرب دۆلەتلىرى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قارىغاندا تىبەت مەسىلىسى ۋە دالاي لاماغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئەخمەتجان ئوسمان يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«بۇنىڭ بىرىنجى سەۋەبى تىبەتلەرنىڭ دالاي لاماغا ئوخشاش روھانى داھىيسى ۋە سىياسى يول باشچىسىنىڭ بارلىقى، ئۇيغۇرلاردا بۇنداق كارىزماتىك داھىينىڭ بولمىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى سەۋەپ، تىبەت خەلقى دالاي لامانىڭ تۇتقان يولى ۋە دالاي لامانىڭ شەخسى يۈز ئابرويى، ئىناۋىتى ۋە دىنىي ئورنىغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ تىنچ يولى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرەشلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە نامايەن قىلالىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، تىبەت خەلقى ئېتىقات قىلىدىغان بۇددا دىنىي بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئېتىقات قىلىدىغان ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرمۇ بۇ ئىككى دەۋانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەنە بىر تەرەپ، دەپ ھېسابلىغىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تىبەت مەسىلىسى بىلەن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى سېلىشتۇرۇلغاندا ئەلۋەتتە تىبەت مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بىر مەسىلە. ئۇيغۇر مەسىلىسى تېخى بۇ سەۋىيىگە يېتەلمىگەن بىر مەسىلە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ».

دالاي لاما كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق سالاھىتى شەرىپىگە ئېرىشكەن ئۈچۈنچى چەتئەللىك بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى كانادا ھۆكۈمىتى جەنۇبى ئافرىقىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى نېلسون ماندىلا ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋېنگرىيىدىكى نەچە مىڭلىغان يەھۇدىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپ قالغان، شۋېتسىيىلىك دىپلومات Raul Wallenberg لەر بۇ شەرەپكە ئېرىشكەنىدى. (كامىل تۇرسۇن)