2025.02.06
ئامېرىكانىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچى ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن، ئاۋام پالاتاسى خىتاي رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جون مولېنار (John Moleenar) بىلەن مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamorthi)، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا «لى مۇئاللىم» دېگەن نام بىلەن تونۇلغان خىتاي پىكىر ئەركىنلىكى پائالىيەتچىسى لى يىڭنى 2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن.
ئاۋام پالاتاسى خىتاي رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ 5-فېۋرال ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، «بۇ نامزاتلىق ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن لى مۇئەللىمنىڭ ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇشقا قارشى قوغداشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن لايىق كۆرۈلگەن». ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئىككىنچى ئۇيغۇر تەشكىلاتىدۇر.
ئىلگىرىكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەشكىلاتلار، رابىيە قادىر ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق شەخسلەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتاي رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ باياناتىدا، پالاتا ئەزاسى راجا كرىشنامورتى: «بىز ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتى بىلەن لى مۇئەللىمنى ئۇلارنىڭ دۇنيا مىقياسىدا خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش يولىدىكى ھارماس تىرىشچانلىقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشتىن ئىپتىخارلاندۇق» دېگەن.
باياناتتا يەنە جون مولېنار مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر ھەرىكىتى ھارماي-تالماي تەشۋىق قىلىش، جەسۇرلۇق بىلەن گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى يەر شارى سەھنىسىگە ئېلىپ چىقتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سۈكۈت تېمىنى بۇزۇپ تاشلىدى».
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىجرائىيە دىرېكتورى روشەن ئابباس ئۆزلىرىنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەنلىكىگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «بۇ نامزاتلىقنى شەرەپ بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ، ب «بۇ نامراتلىقنىڭ يالغۇز ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى›نىڭ خىزمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىش بولۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىق ئىكەنلىكى» نى كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى يىراقتىكى مەسىلە ئەمەس، بۇ بۈگۈنكى كۈندە رەقەملىك مۇستەبىتلىكتىن تارتىپ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشقىچە ئىنسانىيەتكە كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى» ئىكەن.
2025-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى شەخس ياكى تەشكىلاتلار بۇ يىل 10-ئايدا نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىكەن، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 12-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. 2024-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ياپونىيەنىڭ «نىخون خىدانكيو» ناملىق يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىغا بېرىلگەن ئىدى.