2024.10.02
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى غەزەپ ۋە قايغۇ ئىچىدە خاتىرىلەيدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى «1-ئۆكتەبىر» بولۇپ، بۇ يىل خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرىسى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنىڭمۇ 75 يىللىقى، دەپ قارىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن «1-ئۆكتەبىر نارازىلىق نامايىشى» توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن ئۆز ۋاقتىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا باشلاندى.
«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات! »، «قاتىل خىتاي، شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال! »، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈك» دېگەندەك شوئارلار ئەلچىخانا ئالدىدا توختىماستىن ياڭراش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ ۋە قىساس چۇقانلىرىنى جانلىق نامايان قىلماقتا ئىدى. يەلپۈنۈپ تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلۇق «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» غا ماس ھالدا نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىن ئورۇن ئالغان پىلاكاتلار، شۇنىڭدەك ئۇلارغا يېزىلغان «ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىشنى توختات! »، «شى جىنپىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىن ھېساب بەرسۇن!» دېگەندەك جۈملىلەر بولسا نامايىشتىكى مەقسەتلەرنى تىۋىشسىزلا ئىپادىلەيتتى. يېشى ئاللىقاچان 80 گە قاراپ مېڭىۋاتقان رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېسەللىكىگە قارىماستىن نامايىشچىلار سېپىدىن ئورۇن ئېلىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى. رابىيە قادىر خانىم نامايىشچىلار توۋلىغان شوئارلاردىن كېيىن سۆزگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئۆزىنىڭ ھايات كەچمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا قىسقىچە بايان قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا «تىنچلىق بىلەن ئازاد قىلىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنى قوراللىق ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا «ئاپتونومىيە» بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. ئەمما 75 يىللىق تارىخ بۇ ۋەدىنىڭ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىغان. تېخىمۇ مۇھىمى، نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىق ماھىيەتتە خىتاينىڭ شۇ ۋاقىتلاردىلا باشلاپ بولغان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى بولۇپ قالغان. رابىيە خانىم مۇشۇ ئەھۋاللارنى سۆزلەپ كېلىپ، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى ۋە زىيالىيلىرىنى ئون مىڭلاپ ئۆلتۈرۈشنى باشلىغانلىقىنى، بۇنىڭدىكى بايلارنى ۋە زىيالىيلارنى يوقىتىش نىشانىنىڭ ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەر قېتىمقى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش دولقۇنىدىن كېيىن قىسقىغىنە بىر قېتىملىق «يۇمشىتىش» دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى گوللاۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ قانچىلىك باستۇرۇشى ۋە قىرغىن قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇرلاردىكى خىتايغا بولغان قارشىلىقنىڭ زادىلا توختاپ قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىش مەيدانىغا يەنە خىتاي دېموكراتچىلىرى، خوڭكوڭ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە تەيۋەن پائالىيەتچىلىرىمۇ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە توپلانغان ئىدى. ئۇلارمۇ نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە شوئار توۋلاش بىلەن بىرگە «خىتاي كومپارتىيەسى يوقالسۇن! »، «شى جىنپىڭ تەختتىن چۈشسۇن!» دېگەندەك تەلەپلىرىنى ئىپادىلىدى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر نامايىش ئارىلىقىدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ تېزرەك ئاۋازغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرىنى نىشان قىلغان دەۋەتچىلىك پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان. ئاندىن بۇ جايغا كېلىپ نامايىشنى باشلىغان.
بۈگۈنكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلغانلار ئىچىدە لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن ھەر دائىمقىدەك سەپنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشتىن ئويلىغانلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا تاشقى دۇنيانىڭ خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇرلاردەك خىتاينىڭ ئالدامچى تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇ مەيداندىكى نامايىشتا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي جامائىتىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىنى كۆرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا بۇ قەدەر جەبىر-زۇلۇم سالغانىكەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۈتۈنلەي «يات خەلق» دەپ قارىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا شەپقەت قىلىدۇ، دەپ ئىشىنىش ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
نامايىش توختىماي يېغىۋاتقان يامغۇرغا قارىماستىن ئەنە شۇ يوسۇندا داۋام قىلىپ، جاراڭلىق شوئار سادالىرى بىلەن ئاياغلاشتى.