ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.05.03
duq-20-yilliqi-kitab-1ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2024-يىلى ماي.

«دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتاب ئىستانبۇلدا نەشىردىن چىقتى. بۇ كىتابنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسۇر ئەركىن ئەمەت يېزىپ نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى.

437 بەتلىك بۇ كىتابتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خىزمەت تارىخى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

«بۇ كىتابنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور ئەركىن ئەمەت يېزىپ نەشرگە تەييارلىغان بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

437 بەتلىك بۇ كىتابتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خىزمەت تارىخى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، كىتابتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ئورۇن بېرىلگەن.

 

ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى. 2024-يىلى ماي.
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى. 2024-يىلى ماي.

بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنىغا قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭدا چەتئەلدىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، مىللىي ھەرىكەتنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى، تائىف قۇرۇلتىيى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋرى، ياۋروپادىكى تۇنجى ئۇيغۇر جامائىتى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستانبۇلدا چاقىرىلىشى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسى ھەققىدىكى بايانلاردىن باشقا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدىن 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغىچە بولغان جەريانلار ۋە قارارلار تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

كىتابتا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتتىكى لوبىچىلىك ھەرىكەتلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئېلىپ بارغان ھەمكارلىقى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلگەن.

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ كىتاب دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ھازىرغىچە بولغان 20 يىللىق مۇساپىسىگە، بولۇپمۇ 7 قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004-يىلى 4-ئايدا شۇ ۋاقىتتىكى ئىككى چوڭ مەركىزى تەشكىلات بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىپ، بۈگۈنگە قەدەر 20 يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە مەخمۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى رەھبەرلەرنىڭ 1930-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ چەتئەللەردە باشلاتقان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ھەم مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن قاتارلىق لىدېرلارنىڭ 1950-يىللىرىدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان مىللىي كۈرەشلىرىنىڭ، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زىيا سەمىدى ۋە غېنى باتۇر قاتارلىق رەھبەرلىرىمىزنىڭ 1960-يىللاردىن تارتىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى مەركەز قىلغان ھالدا ئېلىپ بارغان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنىڭ داۋامىدۇر. شۇنداقلا ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زىيا سەمەدى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، پېنسىيەگە چىققان گېنېرال مەھمەت رىزا بېكىن، ھۆسەيىن قارىي ئىسلامىي، رەھمەتۇللاھ تۈركىستانى، ئەخمەت ئىگەمبەردى ۋە غۇلامىدىن ئەخمەت پاختا قاتارلىق كۆپلىگەن مول تەجرىبىلىك شەخسلەرنىڭ ھىمايىسى ۋە چەتئەللەردىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1992-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ داۋامىدىن ئىبارەت» .

 

ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى. 2024-يىلى ماي.
ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىلى» نامدىكى كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى. 2024-يىلى ماي.

بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشى نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەندىن سىرت يەنە مۇھاجىرەتتىكى مۇستەقىللىق كۈرىشى بايان قىلىنغان. «شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە نەزەر» دېگەن قىسمىدا، 1930-يىللاردىن تارتىپ 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم 1992-يىلى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيىغىچە بولغان جەرياندىكى دەۋا تارىخى بايان قىلىنغان. ئارقىدىن مۇھاجىرەتتە دەۋر بۆلگۈچ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىغا ئورۇن بېرىلگەن.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسى مۇنداق باشلانغان: «ھازىر خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ قەدىمىي تۈركىي خەلقلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان قۇدرەتلىك دۆلەتلىرى، كۈچلۈك ئىقتىسادىي، تارىختا ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى، ئۆلمەس ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن ئومۇمىي تۈرك تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئىشلەتكەن يېزىق تىلى بىلەن ياراتقان ئەدەبىياتى، يېزىپ قالدۇرغان يازمىلىرى، كۆپلىگەن تۈرك خەلقلەرنىڭ ئەدەبىي تىلى، ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان».

بىز بۇ كىتاب توغرىسىدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇجېلىل تۇران بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇجېلىل تۇران بۇ كىتابتا 1937-يىللىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن چەتئەللەردە ئېلىپ بارغان كۈرەشلەر، بولۇپمۇ مەخمۇت مۇھىتى ۋە ھۈسەيىن قارىي ئىسلامىينىڭ توكيوغا بېرىپ شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى قۇرغان ۋاقىتتىن باشلاپ بۈگۈنگىچە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق خىزمەت-پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ كىتاب توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت مۇنداق دېدى: «بۇ كىتاب دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق مۇساپىسىنىڭ پۈتكۈل تارىخىي جەريانلىرىنى ھۆججەتلىك ئاساستا پاكىتلىق يورۇتۇپ بەرگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلۇش پەلسەپىسى، مەقسەت ۋە نىشانى، ئاممىۋى ئاساسىي، باسقان قەدەملىرى، خىزمەت ۋە نەتىجىلىرى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەرگە بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن» .

بۇ كىتاب توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممەد بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىق تارىخى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز يەنە ئىستانبۇلدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قانچە كىتاب ۋە دوكلات تەييارلانغانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى» توغرىسىدا دەلىل-ئىسپاتلىق دوكلات نەشر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت مەزكۇر كىتابنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن، مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، مەمەت رىزا بېكىن پاشالار ئاساسىنى سېلىپ بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بىرى، ئەركىن ئالىپ تېكىن، رابىيە قادىر ۋە دولقۇن ئەيسا قاتارلىق لىدېرلارنىڭ رەھبەرلىكىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، پىسخولوگىيەلىك جەھەتتىكى ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىق ۋە بوران-چاپقۇنلارغا، چەكلىك ئىمكانلىرىغا قارىماي شەرقىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىدىن ئىبارەت تۈپ مەقسەت ۋە نىشان بويىچە ئىلگىرىلەپ، داۋايىمىزنى خەلقئارادا تونۇلغان ۋە خەلقئارالاشقان ھالەتكە كەلتۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ تۆھپىلەرنى قوشتى».