ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىدى
2024.02.12
غۇلجا قىرغىنچىلىقى مەڭگۈ ئۇنتۇلماس!

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 27 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان كۈندە، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF)مۇ رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ قانلىق قىرغىنچىلىقتىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە قۇربان بولغانلارغا ئادالەت بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق فوندى بۇ باياناتىدا، 27-يىل ئىلگىرى غۇلجىدا يۈز بەرگەن بۇ قانلىق باستۇرۇشىنى «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. باياناتتا مۇنداق دېيىللگەن:

«بۈگۈن، 1997-يىلى 5-فېۋرال غۇلجىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ 27 يىللىقى. ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا خىتاي قوراللىق قىسمى رەھىمسىزلەرچە ئوق چىقارغان. شۇ كۈنى يۈزلەرچە كىشى قولغا ئېلىنغان، يارىلانغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولغان «مەشرەپ» چەكلەنگەن. مەشرەپ باشچىلىرى ۋە بىر تۈركۈم ئاياللار دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىنى خالىغانچە قولغا ئالغان. 2014-يىلى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوقىتىش ۋە خىتاي نوپۇسى ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق ‹قاتتىق زەربە بېرىش› ھەرىكىتىنى باشلىدى. كىشىلىك ھوقۇق فوندى بۇ پاجىئەنى ئەسلەش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن جاۋابكارلىق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۈگۈن داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇۋاتقان نامايىش ۋە ئەيىبلەشلەردىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقى مەلۇم.

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ تارىخىي جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان كىشىلىك ھوقۇق فوندى ئېلان قىلغان بۇ باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالماقتا ۋە تور دۇنياسىدا كۆپلەپ ھەمبەھىرلەنمەكتە.

باش شتابى نيۇ يورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇق فوندى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش نېمە ئۈچۈن مۇھىم دەپ قارايسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار يىغىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن مەشرەپ يېتەكچىلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەينى ۋاقىتتا، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ئەنئەنىۋى پائالىيىتى بولغان مەشرەپنى چەكلىگەنىدى. بۇنىڭغا قارشى قوزغالغان تىنچ نامايىشنى خىتاي قوراللىق قىسمى قانلىق باستۇردى، يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار تۇتقۇن قىلىندى، قاماقلارغا ئېلىندى، يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بۇ سەۋەبلىك يارىدار قىلىندى ياكى ئۆلتۈرۈلدى».

جاۋاب خەتتە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ غۇلجا قىرغىنچىلىقىغا ئادالەت تەلەپ قىلىشىنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەن:

«بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلەرنى چەكلىۋەتتى، خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى مەجبۇرىي تاڭدى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈنلا كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق فوندى شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا قازا قىلغانلارغا ماتەم بىلدۈرىدۇ، ھالبۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ساقلاش ھوقۇقى ھازىرمۇ خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلماقتا. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى 27 يىل ئىلگىرى غۇلجىدا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقتىن تارتىپ، بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆز مەدەنىيىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەت خىتايدىن تولۇق جاۋابكارلىق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلىشى كېرەك.»

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەينى ۋاقىتتا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» دىن ئامان قالغان ۋە ۋەقەگە شاھىت بولغۇچىلار، ھەتتا ئائىلىسى شۇ قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» نىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىمنىڭ ئائىلىسى، 1997-يىلى يۈز بەرگەن «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇتقۇن ھەم باستۇرۇشلاردا بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچ ئېلىپ بارغان نامايىشىنى باستۇرۇش بىلەن بىرگە، نامايىشتىن كېيىنمۇ غۇلجا شەھىرىدە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقۇن قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. زۇبەيرە شەمسىدىنمۇ ئىككى ئىنىسى ۋە نەۋرە ئىنىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 5-فېۋرالدىن كېيىن غۇلجادا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش قىلمىشلىرى ۋە تۇتقۇنلىرى بىر يىلچە داۋاملاشقان. مىڭلىغان ئىنسانلار شۇ كۈنىدىكى قىرغىنچىلىقتا ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تۈرمىلەردە قىيىن قىستاقلاردا ئۆلتۈرۈلگەن.

زۇبەيرە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 1997‏-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ كىشىلىك ھوقۇق فوندى تەرىپىدىن «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىلىشى ۋە مەخسۇس بايانات بېرىلىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ بۇ باياناتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى قىرغىنچىلىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئەمەس، 1997-يىلدىن باشلاپلا ئىجرا قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.

زۈبەيرە خانىم يەنە كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىشىنىڭ، ئۆزىگە زور ئۈمىد ۋە ئىلھام بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ «بۇ، ئاۋازىمىزنى دۇنيانىڭ ئاڭلاۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، ھەق ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار بىكار كەتمەيدۇ، بىزنىڭ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش كۈرىشىمىز داۋام قىلىدۇ ۋە بۇنىڭ نەتىجىسى بولۇۋاتىدۇ، غۇلجا قىرغىنچىلىقى پەقەت مېنىڭ ۋە ياكى غۇلجادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىق ئەمەس، پۈتۈن مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىق. بىز خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان بارلىق قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا داۋاملىق ئاڭلىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق فوندى، ئۇيغۇرلارنى كۈچلۈك قوللاپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇلار ئۆزىنىڭ ئوسلو كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە رەھبەرلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم، نۇرى تۈركەل، روشەن ئابباس قاتارلىقلارنى سۆزگە تەكلىپ قىلىپ كەلگەن؛ شۇنداقلا گۈزەل-سەنئەت كۆرگەزمىلىرى ھەمدە نيۇ يورك ۋە لوندون شەھەر رەستىلىرىگە سايە چۈشۈرۈشكە ئوخشاش ئۆزگىچە شەكىللەردىكى پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى دۇنيانىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلمەكتە.