2023.11.13
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ ئەھمىيەتلىك سانىلىدىغان كۈنلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھى ھەقىقىي يوسۇندا نامايان قىلىنغان ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنى ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەر يىلى 12-نويابىر كۈنىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا بىر ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 2023-يىللىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈن ئاشۇ يوسۇندا خاتىرىلەندى. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇرىيەت خاتىرىسى پائالىيىتى فايرفاكىس شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر مەركىزى» دە «شەرقىي تۈركىستان مارشى» نى ياڭرىتىش بىلەن باشلاندى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سۆزگە چىقىپ، بۇ كۈننى خاتىرىلەشنىڭ مۇھىملىقى ھازىر تېخىمۇ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
شۇنىڭدەك، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زاماندا قۇرۇلغان ۋە قولدىن كەتكەن دۆلىتىنى ئەسلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار گەرچە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولسىمۇ، بۇ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىن ھېچ زامان ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، دەل مۇشۇ ئارزۇ-ئىستەكنىڭ ئۆلمەسلىكىدىن قورققان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۈمىدنى ئەبەدىيلىككە ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ «بىز كۆپ قۇربان بەردۇق. ھېلىھەم قۇربان بېرىشكە تەييارمىز. بىز ئاشۇ كۆك بايراقنى ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستانغا قادايمىز» دېدى.
بۇ يىللىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» خاتىرىسىگە ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى جورج تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى جېيمىس مىلۋاردمۇ ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئۆز سۆزىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ دۇنياغا كېلىشى ھارپىسىدىكى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە خىتاي جەمئىيىتى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشىدىكى باسقۇچلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. پىروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ قارىشىچە، «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» 1933-يىلى ۋە 1944-يىلى ئىككى قېتىم قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەققىدە ھازىر باشقىچە قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تارىخنى باشقا نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ «چىڭ ئىمپېرىيەسىگە تەۋە بولغان جايلارنىڭ ھەممىسى بىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك» دېگەن مەنتىقە بويىچە «شىنجاڭ بۇرۇندىنلا بىزنىڭ زېمىنىمىز» دېگەن نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا چىقارغان. ئەمەلىيەتتە بولسا «خىتاي دۆلىتى» دەپ قارالغان جايلارنىمۇ قوشۇپ بويسۇندۇرغان چىڭ ئىمپېرىيەسى 1912-يىلى ھالاك بولغاندىن كېيىن ئىمپېرىيە بويسۇندۇرغان سابىق رايونلاردىن موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولغان، تىبەتمۇ مۇستەقىل بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغانغا ئوخشاش «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نامىدىكى يېڭى دۆلەتمۇ مۇشۇ يېڭى يۈزلىنىش بويىچە دۇنياغا كەلگەن. 1949-يىلىغا كەلگەندە قۇرۇلغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر دىيارىنى مۇستەملىكە شەكلىدە ئىشغال قىلغان. شۇڭا «كېيىنكى سۇلالىنىڭ ئالدىنقى سۇلالىنى زورلۇق كۈچ شەكلىدە ئاغدۇرۇۋېتىشى» شەكلىدە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى بويسۇندۇرغان ئۇيغۇر دىيارىنى «بىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك» دەيدىغان مەنتىقىسى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن دوكتور نەبىجان تۇرسۇنمۇ شۇ قاتاردا ئىككى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. بولۇپمۇ 1944-يىلى ئاددىي پۇقرالاردىن بولغان بىر تۈركۈم قورقۇمسىز ئەزىمەتلەر قوزغىلاڭنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سەرخىللىرى تېزدىن مۇكەممەل ھاكىمىيەت سىستېمىسىغا ئىگە بىر مۇستەقىل دۆلەت ماشىنىسىنى راۋان ماڭدۇرالىغان. ئەمما دۇنيا ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ «ھەمكارلىق سودىسى» تۈپەيلىدىن يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» ئىچكى جەھەتتىكى ئىتتىپاقسىزلىق ۋە پارچىلىنىش سەۋەبىدىن تېزلا بۇ سودىنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەتكەن. لېكىن مۇشۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقىلا ئەمەس، ئۇنى مۇكەممەل ئېلىپ مېڭىشقىمۇ قادىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن.
ئارىلىقتا بولۇپ ئۆتكەن قىسقىچە سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ «نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەھدىتى» تۈپەيلىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بىر مىللەتلىك دۆلەتكە قاراپ مېڭىۋاتقان خىتاي شوۋىنىزمىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى، ئەمدىلىكتە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تارىختىكى «ئەسىر ھالقىغان مىللىي خورلۇق» نەزەرىيەسىنى باھانە قىلىپ، بۇنىڭ «ھېسابىنى ئېلىش» قا ئۇرۇنۇشىنىڭ ئاقماس قىلمىشلاردىن ئىكەنلىكى، ئۈچىنچى قېتىملىق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نىڭ قاچان قۇرۇلىدىغانلىقى قاتارلىق تېمىلار بويىچە سۆھبەتلەر بولدى.
ئەزىز مېھمانلارغا گۈل تەقدىم قىلىشتىن كېيىن ياش ناخشىچىلاردىن خەيرىنىسا قىلىچ ۋە نۇرشاتنىڭ ئورۇنلىشىدا مېھمانلارغا مەرھۇم شائىر نىمشېھىت ئەرمىيە ئەلى سايرامى (1904-1971) نىڭ «ئالدىدا» ناملىق شېئىرى ناخشا شەكلىدە تەقدىم قىلىندى. بولۇپمۇ ناخشىنىڭ خاتىمە قىسمىدىكى «ئىنتىقام ئالغۇم سېنىڭدىن تا جېنىم تەندە ھايات، ھېچقاچان ئادەم يېڭىلمەس ۋەھشىي ھايۋان ئالدىدا» دېگەن قۇرلار ياڭرىغاندا پۈتۈن زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
«ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى» نىڭ سەبىيلىرى ئويناپ چىققان «چىمەن دوپپا» ۋە «ئانا يۇرت» قاتارلىق ئۇسسۇللۇق ناخشىلار بولسا ئۇيغۇر روھىنىڭ ئۇنداق ئاسان ئۆلمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم سەنئەت شەكلىدە كۆرسىتىپ ئۆتتى.
شۇ قاتاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى زۇبەيرە شەمسىدىن ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئايرىم-ئايرىم سۆز ئالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنىڭ ئۆتكەن يەتمىش يىل مابەينىدە بىر كۈنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى، شۇنىڭدەك بۇ يولدىكى تىرىشچانلىقنىڭ ھازىر بۇرۇنقىدىنمۇ زور بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.
پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ۋىرجىنىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئەنقەر ھاجىم ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن تەسىرلىك دۇئا قىلدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر پائالىيەت ئاخىرىدا ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھازىر تېخىمۇ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.